نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 4877 قېتىم كۈرۈلدى
مىڭ شياۋسۇ: ئۆي باھاسىنى تۆۋەنلىتىشكە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -07
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

يۈەن جۇڭ ۋاڭ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى مىڭ شياۋسۇ دوكتور، ئۆي-مۈلۈكنى قۇتقۇزۇش ھاجەتسىز، پەقەت ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتمىسەكلا ئۆزلۈكىدىن نورمال ھالەتكە كېلىدۇ، لېكىن ئىقتىساد قۇتقۇزۇشقا ھەقىقىي موھتاج بولماقتا، پەقەت ئۆي-مۈلۈككە بېسىم كەلمىسىلا، ئىقتىسادمۇ ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭىدۇ. دېگەن ھەمدە «ئۆي-مۈلۈككە تايىنىپ ئىقتىسادنى ھەرىكەتلەندۈرسەك، مۇقىم ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئانچە قېيىن ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن.
چۈشەندۈرۈپ قويۇشقا تېگىشلىكى، ئۆي-مۈلۈكنىڭ سېتىلىشنى چەكلەش ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى تىزگىنلەپ قويىدۇ شۇنداقلا ئۆي-مۈلۈك باھاسىنىڭ ئېشىشىنى كونترول قىلالمايدۇ. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ھېسابلاپ چىقىشىچە، ئۆتكەن يىلىدىكى ئۆي-مۈلۈك باھاسى ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.87 ئۆرلىگەن، بۇ يىلى 1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئۆي-مۈلۈك باھاسى بولسا ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدىكىدىن %8.5 ئۆسكەن.
ئۇ، ئۆي-مۈلۈك باھاسىنى چۈشۈرۈشتەك بۇنداق ئورۇنداش قېيىن بولغان ۋەزىپىنى ھۆكۈمەتكە ئىتتىرىپ قويۇش ئادىلسىزلىق بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي-مۈلۈك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى بۇ قارارلىق ھۆكۈمەت ئەمەس، بەلكى كېيىنكى قارارلىق ھۆكۈمەتنىڭمۇ تاماملاپ بولالىشى ناتايىن، دەپ كۆرسەتكەن.
بىز ئاللىبۇرۇن دۆلەتلىك تۆت نىزامنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ تەمىنلەش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە ئۆي قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىمىز، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئۆي-مۈلۈك باھاسىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ. ھازىر ئاھالىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجى يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇ يىلى 6-،7-،8-ئايدىكى ناچار بازاردىمۇ سېتىش دولقۇنى ئەۋج ئالغان يەردە، 9- ۋە 10-ئايدەك ئالتۇن ۋاقىتلاردا ئەجەبا ئۇنداق بولماسمۇ؟ مىڭ شياۋسۇ. ئاھالىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشقا بولغان ئېھتىياجى ئېلىپ كەلگەن زور ئىچكى ئېھتىياج جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ۋە تېز ئېشىشىدىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈكىگە ئىشىنىدىكەن.
 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776