نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 3193 قېتىم كۈرۈلدى
يېزا قىزلىرىمۇ قوش قولىغا تايىنىپ باي بولالايدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-09 -28
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.ts.cn

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى

9-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى سايلاش، تەقدىرلەش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن رەيھانگۈل ئىمىر، چېن جۈنگۇي، لىن جۈندې، جاڭ ياۋخۇا قاتارلىق تۆت كىشى‹مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى› شەرىپىگە ئېرىشكەن. بۇ قېتىمقى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئىچىدە شىنجاڭلىقلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، بۇ تۆت نەپەر ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئىچىدە، 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان رەيھانگۈل ئىمىر ئۈجمە يېزىسىدىكى سىرتقا ئەمگەك كۈچى چىقىرىشتىكى باشلامچى بولۇپ، يېزا قىزلىرىنى بېيىش يولىغا يېتەكلىگەن بىر مۇنەۋۋەر يېزا قىزىدۇر.

 

Www.AnAdiyar.Cn

رەيھانگۈل ئىمىر بولسا ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان قىزى بولۇپ، 2007-يىلى، ئۇ ئۆزىنىڭ قەيسىرانە ئىرادىسى بىلەن ئەنئەنىۋى خۇراپاتلىق ئىدىيىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئۇيۇشتۇرغان بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش پىلانىغا قاتنىشىپ ئىچكىرگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان. ئالتە يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە، ئۇ شۇ كارخانىنىڭ غوللۇق خىزمەتچىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە 1000 نەپەردىن ئارتۇق يېزا قىزلىرىنى ئىچكىرگە كېلىپ ئىشلەشكە دەۋەت قىلغان.

Www.AnAdiyar.Cn

2007-يىلى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت بىرىنچى تۈركۈملۈك ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش پائالىيىتىدە، رەيھانگۈل ئىمىر جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى بىر توقۇمچىلىق زاۋۇتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يىراق جايدىكى شۇ سىرلىق ماكان شىنجاڭنىڭ بىر يېزىدىن نىڭبودىكى بىر زاۋۇتقا كىلىپ ئىشلەش، رەيھانگۈلنىڭ تەقدىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن.

Www.AnAdiyar.Cn

دەسلەپ كەلگەن ۋاقىتتا رەيھانگۈل بىر ئېغىزمۇ خەنزۇتىلى ئۇقمايدىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقىغا ئايلانغان، بىرلىكتە كەلگەن ئاچا-سىڭىللارنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيىسىمۇ بەكلا تۆۋەن بولغاچقا، ئامالسىز بىز تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن خەنزۇتىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn 

ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى، جاپا-مۇشەققەتكە چىدايدىغان قەيسىرانە روھى سەۋەبىدىن ئۈچ ئايغا يەتمىگەن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە، رەيھانگۈل ئېگىرىش تېخنىكىسىنى ياخشى ئىگىلەپ، يېرىم يىلدىن كېيىن سېخ مۇدىرىنىڭ ياردەمچىسى ۋەزىپىسىگە چىققان، بىر يىلدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ راۋان بولغان قوش تىللىق ئىپادىلەش ۋە چۈشىنىش قابىلىيىتى بىلەن شىنجاڭدىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان.
 

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئۇ تېرىسى سەل قارامتۇل بولغاچقا باشقىلار ئۇنى‹ قارا باشلىق› دەپ ئاتاشقان. قوش مەنبەلىك توقۇمچىلىق زاۋۇتىدا ئىشلىگەن بۇ نەچچە يىل جەريانىدا، ئۇ ئۆيىدىكىلەرگە 100000 يۈەن قىممىتىدىكى پۇل ئېۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن رەيھانگۈلنىڭ ۋاپادارلىقى ئاستىدا، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ بارغانسېرى ياخشىلانغان.
 

Www.AnAdiyar.Cn

2009-يىلى، رەيھانگۈل ئىمىر ئىچكىرگە ئىشلىگىلى كەتكەندىن بېرى، بىرىنچى قېتىم ئۆيىگە قايتقان بولۇپ، يۇرتىدا نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى، بىراق ئەتراپىدىكى ئاچا-سىڭىللارنىڭ تۇرمۇشىدا يەنىلا قىيىنچىلىق كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ھېسداشلىقى قوزغالغان. رەيھانگۈل مۇنداق ئويلىغان:‹ ئۆزۈم ئۆزۈمنىڭ قوش قولىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتەلىگەن ھالدا، نېمىشقا كۆپچىلىكنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇلارغا ئۇلارغىمۇ بىر چىقىش يولى تېتىپ بەرمەيمەن؟›، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەنىتتىكى ئاچا-سىڭىللارنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئۇيۇشتۇرغان. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى قايىل قىلىپ، گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن بىرلىكتە يۈرۈش قىلغان.
 

Www.AnAdiyar.Cn

نۇرغۇن ياشلارنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش ئۈچۈن، 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى رەيھانگۈل بۇ ئاچا-سىڭىللار بىلەن بىرگە تاپقان 225000 يۈەن پۇلنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتقان، شۇنداقلا ھەر قايسى ئۆيلەرگە بىرمۇ-بىر كىرىپ بۇ قىزلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزغان. شۇنىڭ بىلەن كەنتتىكى ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرى، ياشلار رەيھانگۈلنى ئىزدەپ كېلىپ ئۆزلىرىنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېتىشنى ئۆتۈنگەن. كېيىنكى مەزگىللەردە رەيھانگۈل يەنە بۇ ئاچا-سىڭىللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىم يۇرتىغا قايتىپ، 176000 يۈەن ۋە 120000 يۈەن خەلق پۇلىنى ئېلىپ كېلىپ يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئىشەنچىسى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكەن.
 

Www.AnAdiyar.Cn

17 ياشلىق ئارزىگۈل ئوبۇل تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىزچىل ئۆيدە بىكار ئولتۇرغان بولۇپ، بالدۇر ياتلىق بولۇشنى خالىمىغان، شۇنداقلا رەيھانگۈلنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىچكىرگە بېرىپ ئىشلىشىنى قارار قىلغان. بىراق ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشقا قەتئىي قارشى تۇرغان بولۇپ، رەيھانگۈلنىڭ كۆپ قېتىم بۇ ئائىلىگە كېلىپ چوڭلارغا خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا ئاخىرى ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ ئارزىگۈلنى ئۆز سېپىگە قوشۇۋالغان.
 

Www.AnAdiyar.Cn

ئارزىگۈل ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، خېلى كۆپ قىممەتتىكى پۇل تېپىپ، ئۆيىدىكىلەرگە يېڭى ئۆي سېلىپ بەرگەن. رەيھانگۈلنىڭ بۇ ئىش-ئىزلىرى قوشنا كەنت ھەتتا قوشنا ناھىيىدىكىلەرنىمۇ قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن بولۇپ، ئۇلار توختىماستىن رەيھانگۈل بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلغان. يۇقارقى تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە، رەيھانگۈل باشچىلىقىدىكى بۇ چوڭ قوشۇننىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشقان شۇنداقلا خانىم-قىزلارنىڭ تۇرمۇشقا ھەم ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
 

Www.AnAdiyar.Cn

2012-يىلى، 24 ياشلىق رەيھانگۈل ئىمىر 12-قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر يېزا ئىشچىسى ۋە ئەڭ ياش بولغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيىغا خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، رەيھانگۈل بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى 12 يېزا-كەنتنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ چىققان، شۇنداقلا بۇلارنى خۇلاسىلەپ خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
 

Www.AnAdiyar.Cn

ئېگىلىنىشىچە، رەيھانگۈلنىڭ ئەڭ چوڭ غايىسى بولسا، قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ئازاد بولۇپ، بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى ۋە يۇرتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىنى ياخشى ئوقۇتۇشنى شۇنداقلا سىرتقا چىقىپ تەرەققىي قىلىشقا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلەپ ئازراق بولسىمۇ ئىقتىسادى كىرىم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى ھەمدە يۇرتىنىڭ ھامان كۈنى نامراتلىق پاتقىقىدىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ بەك گۈللەپ ياشىنىشىنى ئۈمۈد قىلغان.

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776