جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» تورىنىڭ 28-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشى 27-چىسلا كەچتە سۈرىيە خىمىيىلىك قورال مەسىلىسىگە ئائىت بىر قارار لاھىيىسىنى ماقۇللىغان بولۇپ، مەزكۇر قاراردا سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدە خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەندى ۋە شۇنداقلا سۈرىيەدىن «خىمىيىلىك قورال-ياراق چەكلەش تەشكىلاتى» ۋە ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىپ سۈرىيەدىكى خىمىيىلىك قوراللارنى يوقىتىش تەلەپ قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سۈرىيە مەسىلىسى خەلقئارالىق يىغىنى چاقىرىش ئارقىلىق جەنۋە دوكلاتىنى ئىجرا قىلىش تەشەببۇس قىلىندى.
ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشى شۇ كۈنى كېچىدە چاقىرىلغان سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنىدا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئاۋازغا قويۇپ قارار ماقۇللىغان بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سۈرىيە خىمىيىلىك قورال مەسىلىسىگە ئائىت بىر قارار لاھىيىسى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان.
قاراردا مۇنۇلارنى كۆرسىتىلدى، ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشى شۇنداق قارايدۇكى، دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدە خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىش خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدە خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىش قىلمىشىنى، بولۇپمۇ 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خىميىلىك قورال ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.
قاراردا ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشىنىڭ «خىمىيىلىك قورال-ياراقلارنى چەكلەش تەشكىلاتى» نىڭ قارارىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقى، مەزكۇر قارارنىڭ مەزمۇنىدا سۈرىيەدىكى خىمىيىلىك قورال-ياراقلارنى دەرھال يوقىتىش پىلانى ھەمدە مەزكۇر پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قاتتىق نازارەت قىلىش تەرتىپى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىندى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل ئارقىلىق مەزكۇر قارارنى دەرھال ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىندى.
ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشى سۈرىيەدىكى ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ خىمىيىلىك قورال-ياراق ئىشلىتىشىگە، ياسىشىغا، ئىشلەپچىقىرىشىغا، باشقا يوللار بىلەن ئىگە بولىشىغا، ساقلىشىغا ۋە ياكى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىدى ھەمدە سۈرىيەدىن «خىمىيىلىك قورال-ياراقلارنى چەكلەش تەشكىلاتى» نىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىش تەلەپ قىلىندى. ئۇندىن باشقا يەنە سۈرىيەدىكى ھەر قايس تەرەپلەرنىڭ «خىمىيىلىك قورال-ياراغلارنى چەكلەش تەشكىلاتى» ۋە ب د ت بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشى تەلەپ قىلىندى.
ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشى قارارلىق ھالدا سۈرىيەنىڭ «خىمىيىلىك قورال-ياراقلارنى چەكلەش تەشكىلاتى» قارارىنى ۋە ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىدۇ. «خىمىيىلىك قورال-ياراقلارنى چەكلەش تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇلى 30 كۈن ئىچىدە ۋە ئۇندىن كېيىنكى ھەر ئايدا ب د ت باش كاتىپى بان كىمون ئارقىلىق ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشىگە خىزمەتلەرنى دوكىلات قىلىشى كىرەك. ئۇندىن باشقا «خىمىيىلىك قورال-ياراقلارنى چەكلەش تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇلى ۋە ب د ت باش كاتىپى بان كىمون ھەمكارلىشىپ ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشىگە سۇنغان دوكىلاتىنىڭ «خىمىيىلىك قورال-ياراقلارنى چەكلەش تەشكىلاتى» قارارى ۋە ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشىنىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلماسلىقى كىرەك.
ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشىنىڭ سۈرىيە خىمىيلىك قورال-ياراق مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارىدا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى، ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشى دەرھال سۈرىيە مەسىلىسى خەلقئارالىق يىغىنى چاقىرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق جەنۋە دوكىلاتىنى ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ جەرياندا سۈرىيەدىكى ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئاكتىپ ھالدا ئالاقە ئورنىتىشى، ئۇلار سۈرىيە خەلقىگە ۋاكالىتەن جەنۋە دوكىلاتىنى ئىجرا قىلىش ۋە تىنچلىقنى ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈستىدە ۋەدە بېرىشى كىرەك.
ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشىنىڭ قارارى مەزكۇر قارارغا خىلاپلىق قىلىدىغان مەسىلىلەرگە يولۇققاندا «ب د ت نىزامنامىسى» نىڭ يەتتىنچى ماددىسىغا ئاساسەن تەدبىر قوللىنىدۇ.
ب د ت 16-چىسلا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 8-ئاينىڭ 21-كۈنى سۈرىيە دەمەشىق شەھىرىنىڭ شەھەر سىرتى رايونىدا كەڭ كۆلەملىك خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىش قىلمىشى يۈز بەرگەن. بىراق دوكىلاتتا سۈرىيەدىكى زادى قايسى تەرەپنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى كۆرسىتىلمىدى.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899800203 13899847776