نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 249 قېتىم كۈرۈلدى
شى جىنپىڭ:جۇڭگو تالاش-تارتىشلارنى سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -04
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

جۇڭشىن تورىنىڭ 9-ئاينىڭ21-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى: «بىز مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىقنى تالاشمايمىز، مەڭگۈ زوراۋان بولمايمىز!». دۆلەت رەئىسى شى جىڭپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز باشتىن-ئاخىر رايونلار ۋە دۇنيا تىنچ-مۇقىملىقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرىدۇ. بىز دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زىمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتا، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان تېرىتورىيە، دېڭىز تەۋەلىكى ۋە دېڭىز ھوقۇقى تالاش تارتىشلىرىنى دوستانە سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىدۇ».
شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغان ئاتمىش يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن ئوتتۇز يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز گەرچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ، ئەمما جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنى ئۆزگەرگىنى يوق.جۇڭگونىڭ مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان تىنچ سىرتقى ئالاقە سىياسىتى ئۆزگەرگىنى يوق. جۇڭگونىڭ تىن تەرەققىيات يولى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش سىتىراتىگىيىسى ئۆزگەرگىنى يوق. دۆلىتىمىز قانچە تەرەققىي قىلىدىكەن، رايون ۋە دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى شۇنچە قويۇقلىشىپ بارىدۇ. شۇنداقلا مۇقىم رايون مۇھىتى ۋە تىنچ خەلقىئارالىق مۇھىتقا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. جۇڭگو يىقىنقى يىللاردىن بۇيان تەرەققىياتنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە تىنچلىقنىڭ قىممەتلىكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، قوشنا دۆلەتلەر ئارا دوستانە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ كەلدى.
شى جىنپىڭ يەنە: «بىز دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزىمىز، شۇنداقلا يەنە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدايمىز. مانا بۇ جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەنىلەرنىڭ بىرى» دېدى

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش