نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 127 قېتىم كۈرۈلدى
ئالىمىنىڭ ئەتىسى iPhone تەرەققىياتىغا باغلىق بولۇپ قالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -02
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ۋاڭيى تورى ماقالىسى نۇر تورى تەرجىمىسى، بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئالمىنىڭ تازا بىر گۈللەپ ياشناۋاتقان مەزگىلىگە شاھىت بولۇۋاتىدۇ. ئەمما ئالما نۆۋەتتە بىر جىددىي رېئال مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. 2012-يىللىق 3-پەسىلدىكى مالىيە دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ بۇ پەسىلدىكى تىجارەت كىرىمى 35 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بىرىنچى پەسىلدىكى 46 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا سېلىشتۇرغاندا 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئازىيىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئالمىنىڭ تىجارەت كىرىمى داۋاملىق كۆزلىگەندەك يۇقىرىلاپ ماڭمىغان. ئالمىنىڭ روھىي تۈۋرۈكى سىتۋى جوبىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شىركەتىنىڭ تىجارەت كىرىمى «رېلىس» تىن چىقىشقا باشلىغان.
ئالمىنىڭ ھەممە ئادەم تىلغا ئېلىپ ماختايدىغان مودا مەھسۇلاتى iPhone دىن كەلگەن كىرىم پۈتۈن تىجارەت كىرىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ناۋادا iPhone نىڭ تەرەققىياتى ئوساللاشسا، ئۇ ۋاقىتتا iPad، Mac قاتارلىق ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالامدۇ؟ ھازىرقى مەسىلە، iPhone نىڭ تەرەققىياتى ئالما شىركىتىنىڭ تىجارەت كىرىمىگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدە.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، iPhone4 پۈتۈن يانفون ساھەسىنى ئىسلاھ قىلىپلا قالماي، پۈتكۈل IT كەسپىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. iPhone4S ئېلان قىلىنىپ، يەنە سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ئالدىن تاللىشى بولدى. ئەمدى iPhone5 ئالدىنقى ئىككى ئەۋلاد iPhone نىڭ ھەقىقىي ئىز باسارى بولالامدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.
ئالما بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ كۈشەندىلىرى بولمىش گۇگېل، سامسوڭلارغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. بازار تەكشۈرۈش شىركىتى JuniperResearch نىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە سامسوڭ 52 مىليون دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ساتقان، ئەمما ئالما ئاران 26 مىليون دانە ساتقان. شۇڭلاشقا ئالما بۇ خىل خىرىس ئالدىدا iPhone5 كە بارلىق ئۈمىدىنى ئاتىدى. مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا، ئالمىنىڭ ئەتىسى iPhone5 نىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى، دېيىشكە بولىدۇ. iPhone5 مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، ئالما شىركىتىنىڭ پاي باھاسى يەنە داۋاملىق ئۆرلەيدۇ. ئەگەر مەغلۇپ بولسا، ئالما Facebook نىڭ چاڭ توزانلىرى ئارىسىدا قالىدۇ. بىز iPhone5 نىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئالمىغا يەنە نۇرغۇن تەرەققىيات پۇرسىتى ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش