نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 75 قېتىم كۈرۈلدى
پىسا دۇكىنىدا ئۈچ كۈن پائالىيەت قىلغان خوجايىن قاق-سەنەم بولغىلى قىل قالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -03
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.c

 

Www.AnAdiyar.Cn 
Www.AnAdiyar.Cn

شېنجىن شەھىرىدىكى بىر پىسا شىركىتى يېڭى تارماق دۇكىنىنىڭ ئېچىلغانلىقى يۈزىسىدىن كونا-يېڭى خېرىدارلارغا ئېتىبار سىياسەتلەرنى بېرىپ پىسادىن غىزالانغان خېرىدارلارنىڭ كۆڭلىگە ياققان بولسا شۇنىڭغا چۇشلۇق پۇل تۆلەش پرىنسىپىنى يولغا قويدى.بۇنداق ئاسان قولغا كەلمەيدىغان پۇرسەتتە خۇدىنى يوقىتىپ قويغان بىر ئاچپاقا بىر يولىدا 24تال توخۇ قانىتى يەپ 500يۈەنلىك غىزالانغان بولسىمۇ،بىراق يۈزىنى داپتەك قىلىپ ئالتە يۈەن تۆلەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.10-ئاينىڭ 2-كۈنى بۇ شىركەتنىڭ خوجايىنى چېن ئەپەندى بۇ يېڭىدىن يولغا قويۇلغان سىياسىتىنىڭ ئۆزلىرىگە ھەددىدىن ئارتۇق زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى،ھازىرقى كىشىلەرنىڭ تولىمۇ قارانىيەت بولۇپ كەتكەنلىكىنى،500نەچچە يۈەنلىك يېمەكلىكنى يەپ بولغاندىن كېيىن ھېچقانچە خىجىل بولماي ئالتە يۈەن ھەق تۆلىگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپ بۇ يېڭى تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا ئۈچ كۈن بولغانلىقىنى،ئۈچ كۈن ئىچىدە شىركەتنىڭ چىقىمى 23000يۈەن بولغانلىقىنى،بىراق تاپقان پايدىسىنىڭ 2300يۈەنگە يەتمىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
ھەقىقىي ئەھۋال:24تال توخۇ قانىتىنى يەۋېتىش
10-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن،شېنجىن شەھىرى لوخۇ رايونى تاشقى سودا شەھەرچىسىنىڭ يېنىدىكى مەلۇم بىر پىسا دۇكىنىنىڭ خوجايىنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ نەچچە كۈندىن بۇيانقى قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپ كۈلۈپ كەتتى.ئۇلارنىڭ بۇ پىسا دۇكىنى يېڭىدىن ئېچىلغان بولۇپ خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتاتتى،بۇ پىسا دۇكىنى يېڭىدىن تىجارەت باشلىغانلىقىنى تەبرىكلەپ كونا-يېڭى خېرىدارلارغا ئېتىبار سىياسەتلەرنى بېرىپ پىسادىن غىزالانغان خېرىدارلارنىڭ كۆڭلىگە ياققان بولسا شۇنىڭغا چۇشلۇق پۇل تۆلەش پرىنسىپىنى يولغا قويدى ھەم بۇ پائالىيەتنىڭ 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويغان.بۇنداق ئاسان قولغا كەلمەيدىغان پۇرسەتتە خۇدىنى يوقىتىپ قويغان بىر ئاچپاقا بىر يولىدا 24تال توخۇ قانىتى يەپ 500يۈەنلىك غىزالانغان بولسىمۇ،بىراق يۈزىنى داپتەك قىلىپ ئالتە يۈەن تۆلەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.شۇنداق قىلىپ ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەتتە بۇ دۇكاننىڭ ساتقان توخۇ قانىتى 480،ساتقان پىساسى 168دانە بولسىمۇ تاپقان پۇلى 2382.2يۈەن بولدى،ئەسلىدىكى سېتىلىش باھاسى 23270يۈەندىن 10ھەسسە تۆۋەن بولدى.
بۇ دۇكاننىڭ خوجايىنى بۇ قېتىملىق پائالىيەتتىن كېيىن يە كۈلۈشىنى يە يىغلىشىنى بىلەلمەي قالدى،چۈنكى ھازىر كىشىلەرنىڭ مۇنچە ئىنساپسىز بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولۇپ نەچچە يۈز يۈەنلىك نەرسىلەر بىلەن غىزالانغان كىشىلەر خۇددى ھېچنەرسە بولمىغاندەك نەچچە يۈەن پۇلنى تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن.بۇ ئىش توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ،بەزىلىرى دۇكان خوجايىنىغا ئىچ ئاغرىتىپ كىشىلەرنىڭ ئىنساپسىزلىقىنى تىللىسا يەنە بەزىلىرى دۇكان خوجايىنىنىڭ جەمئىيەتنى چۈشەنمەيدىغاندەك مانا مۇشۇنداق غەلىتە پائالىيەتنى يولغا قويغانلىقىنى ئەيىبلەشتى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش