نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 292 قېتىم كۈرۈلدى
يۇۋېنتۇس كوماندىسى 10 مىليون ياۋرو بىلەن لورېنتىنى قوشۇۋالماقچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -04
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ۋاڭيى تەنتەربىيىسى تۆتىنچى ئۆكتەبىر خەۋىرى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى يۇۋېنتۇس كوماندىسى گەرچە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئۇدا غەلىبىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە، ئىككى مەيدان تەڭلەشتى، مۇسابىقىگە ئۇدا قاتنىشىپ چارچاش ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى، لېكىن قوشۇندا مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان ئاچقۇچلۇق چولپاننىڭ كەم بولۇشىمۇ كونكىرىت رېئاللىق ھېسابلىنىدۇ، يۇۋېنتۇس كۇلۇبى كوماندىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، قىشتا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولدى. «تۇرىنو تەنتەربىيىسى گېزىتى» مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئىسپانىيىلىك ھۇجۇمچى لورېنتىدىن سىرت، ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى نانى بىلەن ۋالكوتمۇ يۇۋېنتۇس كۇلۇبىنىڭ قوشۇۋېلىش نىشانىدۇر.
ئىسپانىيىلىك ھۇجۇمچى لورېنتى بېرباۋ كوماندىسى بىلەن داۋاملىق توختاملىشىشنى رەت قىلدى، يېقىندا يەنە مەشقاۋۇل بېرسا بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى، شۇڭا ئۇنىڭ كوماندىدىكى ئورنى تۆۋەنلەپ كەتتى، لورېنتىنىڭ ۋاسىتىچىسى يېقىندا مۇنداق دېدى: لورېنتىنىڭ ئايرىلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىدىن ئىبارەت، ئۇ يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا قوشۇلۇشنى خالايدۇ، شۇڭا يۇۋېنتۇس ئىسپانىيىلىك ھۇجۇمچى لورېنتىنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن قايتا ھەرىكەتنى باشلىدى.
«تۇرىنو تەنتەربىيىسى گېزىتى» يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ماروتتا، پاراتىچ ۋە كونتى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا قوشۇننى كۈچەيتىش پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى، ئۈچى لورېنتىنى قوشۇۋېلىش كېرەك دەپ بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، يۇۋېنتۇس كوماندىسى 10 مىليون ياۋرو بىلەن لورېنتىنى قوشۇۋالماقچى.
توپچى نانى بىلەن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى توختام 2014-يىلى ئاخىرلىشىدۇ، يېقىندا پورتۇگالىيىلىك نانى بەش مىليون يىللىق مائاش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بۇنى رەت قىلغان ھەم ئۇنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرمىغان، شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن. توپچى ۋالكوتنىڭ ئارسېنال كوماندىسى بىلەن بولغان توختامى كېلەر يىلى ئاخىرلىشىدۇ، مەشقاۋۇل ۋېنگېر ئۇنى قلادۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن داۋاملىق توختاملاشماقچى بولغان، لېكىن توپچى ۋالكوت ئارسېنال كوماندىسىدىن ئايرىلىشقا قەتئىي نىيەت باغلىغان.
بۇ ئىككى ماھىرنىڭ كوماندىدىكى ئورنىغا ۋە كۆپلىگەن داڭلىق كوماندىلارنىڭ قوشۇۋېلىش ئوبىكتى بولۇپ قالغانلىقىغا ئاساسەن، «تۇرىنو تەنتەربىيىسى گېزىتى» مۇنداق دەپ قارىدى: يۇۋېنتۇس كۇلۇبى نانى بىلەن ۋالكوتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 15 مىليون ياۋرو تەييارلىشى كېرەك.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش