نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 996 قېتىم كۈرۈلدى
جۇڭگونىڭ تورى نېمىشقا ئاسانلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ؟
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-01 -22
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : tech.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

1-ئاينىڭ 21-كۈنى پۈتۈن مەملىكەت دائىرسىدە توردا كاشىلا كۆرۈلدى، بەيدۇ، سىنا، تېڭشۈن قاتارلىقلارنى ئۆ ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى تور بەتلەرنىڭ تور نامى بۇلاندى، ۋەقە بىر قانچە سائەتكىچە داۋاملىشىپ، بىر مەيدان مەملىكەت خاراكتىرلىك ئېنتېرنىت تورى ئاپىتىگە ئايلاندى.

بۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسە ئادەتتە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق تەسرى كۆرسىتىشنىڭ دائىرىسى قانچىلىك بولدى؟ نىمە ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن جۇڭگو تورى ئاسانلا بۇلىنىدۇ؟ DNS نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئاجىز؟


DNS نىڭ تولۇق نامى Domain Name System تور نامى سېستىمىسى ئابونىتلار كىرگۈزگەن تور نامى DNS نىڭ ئانالىزى ئارقىلىق IP ئادىرىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇلىدۇ، تور نامى ئەڭ ئاۋال يەرلىك DNS مۇلازىمىتىر تەرىپىدىن ئانالىز قىلىنىدۇ، ئەگەر ئانالىز قىلالمىسا، يۇقىرى قاتلامدىكى مۇلازىمىتىرغا يوللايدۇ، تاكى ئەڭ يقىرى دەرىجىلىك مۇلازىمىتىرغىچە تەكشۈرىدۇ، تەكشۈرۈپ نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن يەرلىك مۇلازىمىتىر بۇ IP ئادىرىسنى ساقلاپ قالىدۇ، ئابونىت قايتا زىيارەت قىلغاندا ، بۇ تور نامى ساقلاپ قويۇلغان بۇ IP ئادىرىسقا يوللاپ بېرىلىدۇ.

بۇ قېتىملىق تەسىرگە ئۇچىراش بولسا غول DNS مۇلازىمىتىردا كۆرۈلگەن، بۇنىڭ كۆرسىتىدىغىنى پۈتۈن دۇنيادىكى 13 يۈرۈش غول DNS مۇلازىمىتىر، مەسئۇل بولۇپ خاتىرلەپ قېلىپ دەستە دەستىلەپ ماسلاشتۇرۇلغان يۇقىرى دەرىجىلىك تور نامى غول مۇلازىمىتىرى.

DNS بۇلغىنىشقا ئۇچىرىغان ئەھۋالدا، تور نامى ئانالىز قىلغىنى تور نامى ماسلاشمىغان IP غا بارىدۇ، مىسالەن 65.49.2.178 غا ئوخشاش.

ئىگەللىنىشىچە، DNS نىڭ ئالدىنقى قېتىملىق تېخنىكا ئۆلچىمىنى يېڭىلىشى 1987-يىلى بولغان، شۇندىن كىيىن قايتا ئۆزگەرتىش قىلىپ باقمىغان، نۆۋەتتىكى DNS ئۆلچىمى 27 يىل ئىلگىرىكى ئۆلچەم، غول مۇلازىمىتىر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوغداشنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا سىيسى ، تور نام باشقۇرۇش تارىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيدا بولغان كاشىلا بولۇپ، بۇنداق پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىش بۇ قېتىملىق بىلەنلا ئاياقلاشمايدۇ.


يەرلىك DNS ئوقۇيالىغان بولسىمۇ، نىمە ئۈچۈن يەنىلا بۇلىنىدۇ؟


ئۈستىدىكى بايانلاردەك، ئابونىت زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا، تېلگىراف شىركىتىنىڭ قايتىلانما DNS ماسلاشتۇرۇشنى بىر تەرەپ قىلغاندا، غول DNS نىڭ بېسىمىدىن ئانالىز قىلىپ ئوقۇيالمىغان.

قايتىلانما DNS بىر تور نامىنى IP غا قارىتا ساقلىۋالىدۇ، دەسلەپكى ماسلاشتۇرۇش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرمەيدۇ، بىراق بىر قېتىملىق ساقلاشنىڭ چېكى بار، ئادەتتە بىر سائەت بولۇپ، ھەربىر سائەتتە قايتىلانما DNS يۇقىرى دەرىجىلىك DNS دن قايتىدىن IP تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا ئەڭ ئاخىرقى غول DNS نىڭ زەربىگە ئۇچىرىشى قايىتلانما DNS گە تەسىر كۆرسىتىشتىن ، ھەربىر ئابونىتقىچە تەسىر قىلىدۇ.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203