نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 1228 قېتىم كۈرۈلدى
4Gتورى تېخى تۈگىمەيلا ، 5G تورى كەلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-01 -22
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.ithome.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

4Gتورى تېخى تۈگىمەيلا ، 5Gتورى كەلدى كورىيە 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىپ يىڭى تور قۇردى
 

ITئائىلىسى خەۋىرى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،كورىيە جەمئىي 149مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىپ ، ئۆز دۆلىتىدىكى شېركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ 2020-يىلىدىن بۇرۇن پۈتۈن دۆلەتتە بەشىنچى ئەۋلاد تورىنى قۇرۇپ چىقىپ ، 5G تورى بىلەن تولۇق قاپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن .
كورىيە ئالاقە تېخنىكىسى تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا ، بۇ تارماق بۇلتۇر 5- ئايدىن باشلاپ ، دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ كۆچمە تېلگىراف شېركەتلىرى ھەمدە ئۇنڭىدىن باشقا سامسۇڭ ، LG نى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى پەن تېخنىكا شېركەتلىرى بىلەن كېلىشىپ ، يېڭى بىر ئەۋلاد دۆلەت كۆچمە تور تېخنىكىسىنىڭ سېخىمىسىنى ئورتاق پىلانلىغان .
بۇ تۈرلۈك پىلان " 5G كۆچمە ئىستىراتىگىيىسى يېڭىلىقى" دەپ ئاتالغان ، بۇ دوكىلاتتا ئاشكارلىنىشىچە ، كورىيە كۆپ تۈرلۈك يېڭى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ چىقىدىكەن ، بۇلار ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ، سۈرەت ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋە SNS ئىجتىمائىي ئالاقە تورى مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
5G تورىنىڭ دەسلەپكى سىناق كۆرسەتكۈچى 2015-يىلى ئالدى كەينىدە SNS ئىجتىمائىي ئالاقە تورى مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، ئاندىن تەدىرىجىي ھالدا 2017-يىلى كۆچمە 3D سۈرەت ۋە بۇلۇت مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنىڭ قاپلىنىشىنى كېڭەيتىش ، 1Gbpsلىق تور سۈرئىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، ھازىرىقى LTE تورىنىڭ سۈرئىتى بولسا 75Mbps ئىكەن .
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203