نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 907 قېتىم كۈرۈلدى
سۈرىيە: ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ «سۈرىيە ھۆكۈمىتى جىنايەتچىلەرنى خورلىدى» دېگەن دوكلاتى يالغان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-01 -22
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.chinadaily.com.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 22-چېسلادىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋالىد. مىرئالىمنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دېيىشىچە، غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تارقاتقان بەشار . ئاساد ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەت شەكىللەندۈرۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان دوكلاتلارنىڭ ھەممىسى يالغان ئىكەن.

ۋالىد. مىرئالىم : «غەرب دۆلەتلىرى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەنگە مۇناسىۋەتلىك بولغان دوكلاتنى ھەممە يەرگە توشقۇزۋەتتى» دېگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا : «ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ بىگۇناھ ئاممىغا بولغان جىنايى ھەرىكەتلىرى ئەڭ زور بولغان نۇقتىغا يەتتى، ئەمما بۇ ھەرگىز تىلغا ئېلىنمىدى» دېگەن.
ۋالىد. مىرئالىم : «ئەگەر سىلەر ھەقىقىي سۈرىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولساڭلار، ئۇنداقتا بىزنىڭ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىمىزغا يول قويۇڭلار. ھەمدە تېررورچىلارغا ھەربىي ياردەم بېرىشنى توختىتىپ، بىزنىڭ باشقۇرغىلى قويۇڭلار، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن سۈرىيىنىڭ ۋەزىيىتى ياخشى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
ئىككىنچى قېتىملىق جەنۋە يىغىنى ئېچىلىش مۇراسىمى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى شۋېتسارىيىنىڭ مونترۋېكىس شەھىرىدە ئېچىلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى باڭكىموننىڭ ئىسپات بېرىشىچە، يىغىن 1-ئاينىڭ 24-كۈنى داۋاملىق ئېچىلىدىكەن، ھەمدە سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى جەنۋە يىغىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قەدەم قويىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەرەب ئىتتىپاقى سۈرىيە مەسىلىسى بىرلەشمە ئالاھىدە خادىمى بۇلاشىم بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىدىكەن. قۇشۇمچە قىلىپ ئېيتقاندا، سۈرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋالىد. مىرئالىمنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دېيىشىچە، غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تارقاتقان بەشار . ئاساد ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەت شەكىللەندۈرۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان دوكلاتلارنىڭ ھەممىسى يالغان ئىكەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203