نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1921 قېتىم كۈرۈلدى
ئافرىقىلىق 10 ياشلىق قىز ئۆزىنى پارتىلتىپ، بالدۇر نىكاھلىنىشقا قارشى تۇردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-01 -22
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : photo.huanqiu.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

يەرشارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئېفىئوپىيەلىك بىر قىز 10 يېشىدىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە «بالا كېلىن» بولۇپ، 13 يېشىدىلا پەرزەنت كۆرگەن، 14 يېشىدىن باشلاپ تۇل ئۆتۈشكە باشلىغان. ھازىر بۇ 38 ياشلىق ئايال ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە تۇرىۋاتقان بولۇپ، بالىلىق ۋاقتىدا قىلغان نىكاھ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقاچقا، شۇڭا بۇخىل قىلمىشقا قارشى تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

بۇ ئايالنىڭ ئىسمى Alemtsahye Gebrekidanبولۇپ، ئۇ 10 يېشىدىن باشلاپ بالىلىق دەۋرى بىلەن خوشلاشقان، ھەمدە ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقىمىغان 16 ياشلىق ئوغۇل بالىنىڭ ئايالى بولغان. 13 يېشىدا، Alemtsahyeپەرزەنتلىك بولغان. بىراق 14 ياش ۋاقتىدا، يولدىشى بىر قېتىملىق ئېفىئوپىيە ئىچكى جېڭىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان، شۇنىڭ باشلاپ ئۇ تۇل قالغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. دۇنيا ساغلاملىق تەشكىلاتنىڭ سانلىق-مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن يەرشارىدا ھەريىلى تەخمىنەن 14 مىليوندىن كۆپرەك 15 ياشتىن تۆۋەن قىزلار مەجبۇرىي نىكاھلىنىدىغان بولۇپ، بۇخىل ئەھۋال ئاساسلىقى ھىندىستان، ئوتتۇرا شەرق ۋە سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقىدا يۈز بېرىدىكەن. بالىلىق ۋاقىتتىكى نىكاھ ئىنتايىن زور ئازابلارنى ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، بۇ قىزلار بولسا ناھايىتى بالدۇرلا ئۆزلىرىنىڭ بالىلىق دەۋرى بىلەن خوشلىشىدۇ، مەكتەپتىنمۇ ئايرىلىدۇ، ھەمدە جىنسىي زەخمە ۋە يۇقۇملىنىشلارغا ئۇچرايدۇ، يەنە نۇرغۇنلىغان قىزلار تۇغۇش تەس كەلگەنلىكتىن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندى جەمئىيتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى باباتۇندى(Babatunde) : «بالىلىق دەۋرىدىكى نىكاھ بولسا كىشلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق، قىزلارنىڭ تەربىيلىنىشى، ساغلاملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىق» دېگەن. نۆۋەتتە Alemtsahyeئۆزى مۇستەقىل ھالدا لوندوندا تۇرىۋاتقان بولۇپ، «قىز بالا دېگەن كېلىن ئەمەس» دېگەن خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتىدا خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى بولسا ئېفىئوپىيەدىكى ئىلگىرى بالىلىق دەۋرىدىلا نىكاھلانغان قىزلار ئۈچۈن ياردەم بېرىش ئىكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203