نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 6412 قېتىم كۈرۈلدى
ھىندىستان ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس تورخانا تەسىس قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-07 -15
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : world.huanqiu.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

گۇاڭجۇ كۈندىلىك گېزىتى ئۇچۇرى،  ھىندىستاندا ئاياللار ئاپتوبۇسى، ئاياللار ۋاگونى ۋە قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس تورخانا تەسىس قىلىپ، ئاياللارنىڭ بىخەتەر تورغا چىقىشىنى كاپالەتلەندۈردى.
ھىندىستان تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى چېنناي شەھىرى مەخسۇس ئاياللار تورخانىسى قۇرۇپ، ئاياللار ئۈچۈن بىخەتەر، ئازادە، ئۇچۇرلار مول بولغان تور مۇھىتى تەمىنلەشنى قارار قىلغان. بۇ يېڭىلىقنى ئوتتۇرىغا قويغىنى ھىندىستاندىكى ئاياللار ساغلاملىقى ۋە مائارىپ مۇلازىمىتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى بولۇپ، بۇ تەشكىلاتتىدىكىلەرنىڭ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىشىچە، چېنناي شەھىرىدە نۇرغۇن ئاياللارنىڭ تورغا چىقىش ئېھتىياجى بولسىمۇ، ئەمما پەقەت %20 كە يەتمەيدىغان ئاياللارلا تورخانىغا كىرەلەيدىكەن. چۈنكى ئۇ يەرلەردىكى قاراڭغۇ، ۋاراڭ- چۇرۇڭ مۇھىت ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كېمەيتىۋېتىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن تورخانىلاردىكى كومپيۇتېرلار تور بەت كۆرۈش خاتىرىسىنى ئاپتوماتىك يۇيۇۋەتمەيدىغان بولغاچقا، ئاياللار ئىلگىرى تورغا چىققانلار كۆرگەن بىر قىسىم تېتىقسىز تور بەتلەرنى كۆرۈپ قالسا، ئۇلارنى تولىمۇ ئوڭايسىز ئەھۋالغا قويىدىكەن. مەزكۇر تەشكىلات مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس قۇرۇلغان بۇ تورخانىلار خېرىدارلارغا بىخەتەر تورغا چىقىش مۇھىتى تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە مەخسۇس خادىملار ئۇلارنىڭ شەخسىي سىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم تەمىنلەيدىكەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776