نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 11203 قېتىم كۈرۈلدى
ئوبامانىڭ رامىزانلىق تەبرىك سۆزى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-07 -11
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئايالىم مىششال ۋە مەن ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ئالىي ئېھتىرام يوللايمەن.

رامىزان ئېيى پۈتۈن دۇنيادىكى بىر مىليارد بەش يۈز مىليۇن مۇسۇلمانلارنىڭ ئوي- تەپەككۈر يۈرگۈزىدىغان، روزا تۇتۇپ ئۆزىنى ئاتايدىغان ۋاقتى، شۇنداقلا ئائىلە-تاۋابەت ۋە دوست بۇرادەرلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان، ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكىلەرنى بىر بىرىگە باغلايدىغان ياخشى بىر پۇرسەت. رامىزان ئېيى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تىنىچلىق، ئادىللىق، بارەۋەرلىك ۋە خەيرىخالىق بېغىشلايدىغان ۋاقىت. ئىنسانىيەتنى بىر بىرىگە باغلايدىغان بۇ رىشتىنىڭ كۈچى بىزنى دائىم بىر- بىرىمىزدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئوخشىماسلىقلاردىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك.

رامىزان ئېيى شۇنداقلا بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئەركىنلىك، غورور ۋە پۇرسەت پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھېچكىم تارتىپ ئالالمايدىغان ھوقۇقى. ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالى ئافرىقىدىكى نۇرغۇنلىغان خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسى ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۆرەش قىلىۋاتقان، مىليونلىغان مۇساپىرلار ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ رامىزاننى كۈتىۋالغان بۇ پەيىتتە ئاشۇ ئۇنۋىرىسال كىشىلىك قىممەت قارىشى بىزنى ئويلاندۇرىدۇ. ئامېرىكا ھەممە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزلىرى يازالايدىغان، زوراۋان كۈچلەردىن خالىي ھالدا ئوز ئېتىقادى بىلەن ئەركىن شۇغۇللىنالايدىغان دۇنيا قورۇپ چىقىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقانلار بىلەن مەڭگۈ بىر سەپتە.

رامىزان ئېيى ئامېركىدىكى مىليۇنلىغان ئامېركىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەركۈنى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى بىزگە ئەسكەرتىدىغان بىر ئاي. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە مۇلازىمەت قىلىدۇ، پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدە يېڭىلىق يارىتىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىدۇ ۋە شۇنداقلا ھاجەتمەن خۇلۇم- خوشنىلىرىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. تۆت يىلدىن بۇيان مەن ئاق سارايدا ئۆزەمنىڭ ئىفتارغا ساھىبخان بولالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، شۇنداقلا بۇ يىلمۇ دۆلىتىمىز ئۈچۈن تۆھپە قوشىۋاتقان كارخانىچى، ئاكتىپ پائالىيەتچى ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى ئامېركىلىق مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ ئىفتارغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمەن.

ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تېنچلىق، ئىناقلىق بىلەن تولغان، ئۆزئارا ھالىغا يېتىدىغان رامىزان تىلەيمەن. رامىزان مۇبارەك.

ئەسلى مەنبەسى : http://beijing.usembassy-china.org.cn/mobile//20130708-obama-ramadan-speech.html


 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203