نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 13113 قېتىم كۈرۈلدى
ئىتالىيەدە خۇرۇم كىيىمگە قارشى يېرىم يالىڭاچ نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-07 -11
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : photo.huanqiu.com

ئەنگلىيە «قۇياش گېزىتى» نىڭ 9- ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيەدىكى 50 كە يېقىن ھايۋانلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغدىغۇچى فرانسىيەلىك مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى ران پائۇل گائۇلتېرنىڭ ئەڭ يېڭى مودا كىيىم كۆرگەزمىسىدە نامايىش قىلىپ، مودا كىيىم كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىۋاتقان مېھمانلارنى سىرتتا توسۇۋېلىشقا ئۇرۇنغان.
ئايال نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر مەيدىسىگە خۇرۇم كىيىم تىكىشكە قارشى بەلگە چاپلىۋالدى، ئەر نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر بولسا ئۈستۈنكى بەدىنىگە «گائۇلتېر، تېرە ئىشلەتمە» ياكى «گائۇلتېر، سەن ئۈچۈن نومۇس قىلىۋاتىمەن» دېگەن خەتلەرنى يېزىۋالدى. چەكتىن ئاشقان بىر قىسىم كىشىلەر ئاۋاز ياڭراتقۇ بىلەن تەشۋىقات ئېلىپ باردى، بىر قىسىم نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر ساختا قاننى بەدىنىگە تېمىتىپ، ھايۋانلار ئۇچرىغان ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى چۈشەندۈردى.
2008- يىلىدىكى پارىژ مودا كىيىم كۆرگەزمىسىدە، مودېللار گائۇلتېر لايىھەلىگەن تۈلكە تېرىسىدىن ئىشلەنگەن باش كىيىمىنى كېيىپ Tشەكىللىك سەھنىدە ماڭغاندا، فرانسىيە مودا كىيىم ساھەسىدىكى بۇ غەلىتە كىشى: «مەن تېرىنى ياقتۇرىمەن، مەن تېرىنى ئىزچىل تۈردە لايىھەم ئىچىگە كىرگۈزىمەن.» دېگەنىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ خۇرۇم كىيىملىرىنىڭ ھايۋانات باقمىچىلىقىدىن كېلىدىغانلىقى، بەزى چاغلاردا قايتۇرۇلغان ۋە تۈزىتىشكە بېرىلگەن كونا پەلتولاردىن كېلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776