نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 8559 قېتىم كۈرۈلدى
پاكىستان ھۆكۈمەت تەرەپ بىن لادىننىڭ ئۆلۈشىنىڭ ئالدىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاشكارىلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-07 -11
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : intl.ce.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ماتېرىيال رەسىم: بىن . لادىن

پاكىستان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ 8-چېسلا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇلار بازا تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىۋېشى بىن . لادىننىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇنقى بىر قىسىم پائالىيەتلىرىنى ئاشكارىلىغان. ئېتىپ تاشلىنىشتىن بۇرۇن، بىن . لادىن ئەڭ ياش ئايالى بىلەن بىللە ئارام ئالغان، شۇنىڭ بىللە بىن . لادىن ئۆلۈمنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ قولىغا قول تاپانچىسىنى ئېلىپ قارشى تۇرماقچى بولغان.
پاكىستان دوكلاتنىڭ ھەقىقىيلىقىنى ئىسپاتلىدى
بۇ دوكلات جەمئىي 337 بەت كېلىدىغان بولۇپ، يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 8-چېسلا تورغا ئېلان قىلغان. پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرەپ ئىسپاتلىشىچە، بۇ دوكلات ھەقىقىي بولۇپ، ھېچقانداق بىر باھا بېرىش تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
2011-يىلى، پاكىستان ھۆكۈمىتى مەخسۇس كومىتېت تەشكىللەپ، 201 ئادەمنى زىيارەت قىلغان، بۇلار ئاساسلىق بىن . لادىننىڭ ئايالى، ئەلچىسى، پاكىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى، مەركىزى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئەزالىرى ھەمدە بىن . لادىن يوشۇرۇنغان جايدىكى شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن — ئاببودئاباتتىكى يەرلىك ئەمەلدارلار.
بىن . لادىننىڭ ئايالى پۇتى ئارقىلىق بىن . لادىننى قوغدىماقچى بولدى
يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەمىنلەپ بەرگەن بۇ بىر قىسىم دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، بىن . لادىن ئەڭ ياش ئايالى ئامىر بىلەن بىللە ئارام ئالغان، ئۇلار بىرىنچى قېتىم ئىشىك سىرتىدىكى غەيرىي ئاۋازنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، بوران چىققان ئوخشايدۇ دەپ قالغان. ئامىر چىراغنى ياندۇرماقچى بولغان ۋاقىتتا، بىن . لادىن «ئۇنداق قىلما» دەپ ۋارقىرىغان، يەنى بىن . لادىن ناھايىتى تىزلا بۇ بىر بوران بولماستىن بەلكى ئۆزنى تۇتقىلى كەلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالغان.
ئارقىدىن بىن . لادىن بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئۆينىڭ سىرتىدىكىلەرنىڭ ئاستا-ئاستا يېقىنلاشقانلىقىنى ئاڭلىغان، ئامېرىكىنىڭ ئەسكەرلىرى ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى پۈتۈنلەي قورشىۋالغان. «ئامىر بىر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ياتاق ئۆينىڭ سىرتىدا بىن . لادىنغا قورال تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئامىر ئۇ ئەسكەرگە قاراپ تاشلىنىپ بىن . لادىننى قوغدىماقچى بولغان. ئەسكەرلەر «توختا» دەپ قاتتىق ۋارقىرىغان، ئارقىدىن ئامىرنىڭ سول پۇتىغا ئوق تەگكەن. ئارقىدىن، ئامىر بىن . لادىننىڭ يەر ياتقانلىقىنى ۋە باش قىسىمدىن قان ئاققانلىقىنى كۆرگەن» مەزكۇر دوكلات ئامىرنىڭ سۆزىگە ئاساسەن يېزىلغان.
بىن . لادىننىڭ ئىككى قىزىدىن جەسەتنى تونۇپ بېرىش تەلەپ قىلىندى
دوكلاتتا تەسۋىرلىنىشىچە، 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى پاكىستاننىڭ ئاببودئابات بازىرىغا بارغاندىن كېيىن، ئاۋۋال يەرلىك خەلقنىڭ ھەرىكەت رايونىغا كىرىشىنى چەكلىگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار دەسلەپتە بىن. لادىن تۇرۇشلۇق ئۆينىڭ ئەتراپىغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە بۇ يەردە بىن. لادىننىڭ ئەڭ يېقىن ئاخبارات خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، شۇنىڭ بىللە بۇ ئاخبارات خادىمىنىڭ ئايالىدىن بىن . لادىننىڭ تۇرالغۇسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىنى تەلەپ قىلغان.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776