نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 8253 قېتىم كۈرۈلدى
سەئۇدى ئەرەبىستانى مىسىرغا بەش مىليارد دوللار ياردەم قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-07 -11
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : world.huanqiu.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

شىنخۇا تورىنىڭ 9- ئىيۇل رىيادتىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 9- ئىيۇل ئايرىم- ئايرىم ھالدا مىسىرغا بەش مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىقتىسادىي ياردەم تەمىنلەپ، مىسىرنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللا مالىيە مىنىستىرلىقىغا مىسىرغا بەش مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىقتىسادىي ياردەم تەمىنلەش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە پۇل، ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مىسىر مەركىزىي بانكىسىدا ساقلىنىدىغان ئۆسۈمسىز قەرز، يەنە ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولسا تەڭ قىممەتلىك يېقىلغۇ ماي ۋە تەبئىي گاز ئىكەن.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەمىنلەيدىغان ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىچىدە بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە پۇل، ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مىسىر مەركىزىي بانكىسىدا ساقلىنىدىغان ئۆسۈمسىز قەرز ئىكەن.
مىسىر ھەربىي تەرەپ مۇرسىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن، دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى ئابدۇللا دۆلەت باشلىقى سۈپىتىدە تۇنجى بولۇپ تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ تەبرىكلىدى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776