نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1718 قېتىم كۈرۈلدى
مېسسى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەيران قالارلىق ئەھۋالغا يولۇقتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-11 -14
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : sports.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ۋاڭيى تەنتەربىيىسى خەۋىرى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى بويىچە ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەن مېسسىنىڭ بۈگۈن بارسېلونا كوماندىسىغا ۋەكالىتەن قاتناشقان رەسمىي مۇسابىقە ۋە دۆلەتلىك كوماندىنىڭ مۇسابىقىلىرىدە كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانى 76 گە يەتتى، پۇتبول شاھى پېلى 1958-يىلى ياراتقان بىر يىلدا تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 75 توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى مېسسى بۇزدى. لېكىن، ھازىر مېسسى بۇ خۇشاللىقنى تەبرىكلەشكە ۋاقىت ئاجرىتالمىدى، چۈنكى چارشەنبە كۈنى ئۇ ئارگېنتىنا دۆلەتلىك كوماندىسىغا ۋەكالىتەن بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، ئۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان جايغا بارغاندا ھەيران قالارلىق بىر ئىشقا يولۇقتى، ئۇ ئايرودرومدىن ئايرىلىدىغان چاغدا ساقچى ئۇنىڭغا مىلتىق تەڭلىدى!

 

 
Www.AnAdiyar.Cn

بۇ يىلنىڭ بېشىدىلا ئارگېنتىنا پۇتبول جەمىيىتى سەئۇدى ئەرەبىستان پۇتبول جەمىيىتى بىلەن بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا كېلىشكەن، مۇسابىقە ۋاقتى بولسا 14-نويابىر، ئورنى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىياد،شۇ يەر ۋاقتى بىلەن تۈنۈگۈن، ئارگېنتىنا دۆلەتلىك كوماندىسىدىكى بارلىق خادىملار مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادقا كەلدى، داڭلىق چولپان مېسسىمۇ بىللە كەلگەن. لېكىن مېسسى ئارگېنتىنا دۆلەتلىك كوماندىسىدىكى بارلىق خادىملار بىلەن رىيادقا كەلگەندىن كېيىن ھەيران قالارلىق بىر ئىشقا يولۇقتى.

 

Www.AnAdiyar.Cn

مېسسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرى بار، نۇرغۇن كىشىلەر مېسسىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئالدىنئالا ئايرودرومغا كېلىپ مېسسىنى كۆرمەكچى بولغان، نۇرغۇن كىشىلەر مېسسى بىلەن بىرگە سۈرەتكە چۈشۈشنى ئارزۇ قىلغان، سەئۇدى ئەرەبىستان پۇتبول جەمىيىتى كۈتۈۋالغۇچى تەرەپ، ئۇلار ئارگېنتىنا دۆلەتلىك كوماندىسى ۋە مېسسىنىڭ ۋاقتىغا كەلگەندە ئاۋارىچىلىققا يولۇقىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا سەئۇدى ئەرەبىستان پۇتبول جەمىيىتى ساقچى تەرەپتىن ياردەم تەلەپ قىلغان.

Www.AnAdiyar.Cn

ئارگېنتىنا دۆلەتلىك كوماندىسى رىياد خەلىقئارا ئايرودرومىغا كەلگەندە، بولۇپمۇ بارلىق توپچىلار ئارقا-ئارقىدىن ئايرودرومدىن چىققاندا نەق مەيدان قالايمىقانلىشىشقا باشلىغان، ھەم كونترولسىز قالغىلى قىل قالغان، بۇ ئەھۋالنى ئالدىن پەرەز قىلغا ساقچى تەرەپ دەرھال تەدبىر قوللانغان. مىلتىق كۆتۈرگەن ساقچىلار مېسسىنى قوغداپ كىشىلەر توپى ئارىسىدىن ئاستا ئېلىپ ماڭغان، لېكىن ئادەم بەك كۆپ بولغاچقا ساقچىلار مېسسىغا يېقىن تۇرۇپ ماڭغان، مىلتىق مېسسىنىڭ بېشىغا تەڭلىنىپ قالغان، مېسسى بۇنىڭدىن قورقۇپ ئۆزىنى چەتكە ئالغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776