نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1303 قېتىم كۈرۈلدى
بىرازىلىيە تاراتقۇلىرى مېسسىنىڭ پىلىنى بېسىپ چۈشكەنلىكىگە قايىل بولدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-11 -14
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : sports.sina.com.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

سىنا تەنتەربىيەسى: مالوركا كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن مېسسىنىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدە كىرگۈزگەن توپ سانى 76 گە يىتىپ پۇتبول شاھى پىلىنىڭ 1958-يىلىدىكى نەتىجىسىنى يېڭىلىۋەتتى. مۇسابىقىدىن كېيىن مېسسى پۈتۈن دۇنيادىكى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە، ماختىشىغا ئېرىشتى، ھەتتا بىرازىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ئۇنىڭ سىرتىدا قالمىدى. يەنى بىرازىلىيەنىڭ تەنتەربىيە گېزىتلىرىدە :«بۇ مۇمكىن بولمايتتى، ئەمما مېسسى ئەڭ ئاخىرى بۇنى ئورۇندىدى. مېسسى ئاللىقاچان پىلى ياراتقان نەتىجىنى يېڭىلىدى، پىلىنىڭ 1958-يىلى كىرگۈزگەن توپىدىن تېخى بىر توپ ئارتۇق» دېگەن، بەزى گېزىتلەردە :«بۇ ئارگېنتىنالىق يەنە قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشەر؟» دېگەن تېمىدا ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. ھەمدە مېسسى بىلەن پىلىدىن قايسىسى يامان دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئەڭ ئاخىرىدا مېسسىنىڭ پىلىدىن ئۈستۈن چىققانلىقىنى ئېيتقان.
ئارگېنتىنا تەرەپتىنمۇ خەۋەرلەر ئۆزۈلمىگەن بولۇپ، ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى :«مېسسىنىڭ بۇ نەتىجىنى ياراتقانلىقى ناھايىتى ياخشى ئىش، ئۇ پىلىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىسىنى يېڭىلىۋەتتى. يەنە كېلىپ پىلىنىڭ كىرگۈزگەن توپلىرى پەقەت بىرازىلىيەنىڭ ئىچىدىلا، مېسسىنىڭكىدەك دۆلەت سىرتىدا ئەمەس ئىدى» دېگەن.
پىلى بۇرۇن :«ھېچكىم مەن پىلى قىلغان ئىشنى قىلالمايدۇ، مەن 17 يېشىمدا دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن، ئۈچ قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ باققان، ھەمدە جەمئىي 1208 توپ كىرگۈزگەن، ماڭا نىسبەتەن پىلى دۇنيا بويىچە بىرىنچى. مېسسى؟ ئۇ ماڭا ئوخشاش 1000 توپ كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن كېلىپ مەندىن ئۇ مەسىلىنى سوراڭلار» دېگەن ئىدى. بۇ قېتىم مېسسى پىلىنىڭ نەتىجىسىدىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن، بىرازىلىيەلىك پۇتبول شاھى سۈكۈتكە چۆمگەن. ھازىر مەيلى بىرازىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى بولسۇن، مەيلى ئارگېنتىنا ئاخبارات ۋاستىلىرى بولسۇن ھەممىسى پىلىنىڭ بۇ ئىشقا ئىپادە بىلدۈرىشىنى ساقلاۋاتىدۇ. كىشىلەر ھازىر پىلىنىڭ ئېغىزىدىن ماختاش ھەمدە ئۇنى قوبۇل قىلىش ئاڭلىنامدۇ، ياكى ئۇنى ئېتىراپ قىلمامدۇ دېگەن مەسىلىگە ناھايىتى قىزىقماقتا.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776