سىنا تەنتەربىيەسى: بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ئورگان تورى 2011-2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ئالتە تۈردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىن ئۈچ توپچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بارسېلونا كوماندىسى بولسا ئالتە تۈرلۈك مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە بارسېلونا كوماندىسى چولپىنى مېسسى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ شەرەپكە ئېرىشكەن، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى بولغان خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى چولپىنى كىرىستىيانو رونالدو بولسا ھېچقانداق شان-شەرەپكە ئېرىشەلمىگەن. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە بارسېلونا كوماندىسىنى يىتەكلىگەن مەشقاۋۇل گۇئاردىئولا شۇ پەسىلدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تېرىنىر بولغان، ئەمما خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى يىتەكلەپ بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن مەشقاۋۇل مورىنىئو بۇ تۈردە شاللىنىپ قالغان.
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899800203 13899847776