رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 1111 قېتىم كۈرۈلدى
11 ياشلىق بالا«شوپۇر» جېجياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا رېكورد يېڭىلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -12
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : تورداشلار تورى

11 ياشلىق بالا ساپما ئاياق بىلەن،شوپۇرلۇق كىنىشكىسى يوق ھالدا چوڭ تىپتىكى يۈك ماشىنىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىپ نەچچە سائەت ماشىنا ھەيدەپ، بۇرناكۈن  چۈشتىن بۇرۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن «تاسادىپىي» بايقىلىپ قېلىپ، ساقچىلارنى قورقۇتۇۋەتتى.
 شاۋشىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك  قاتناش ساقچى  تارماق ئەترىتى ئىككىنچى چوڭ ئەترەت ئەترەت باشلىقى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«بۇ بەكلا خەتەرلىك،بۇ جېجياڭ ئۆلكىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا بايقالغان ئەڭ كىچىك ياشنى  يېڭىلىۋەتتى. بۇ بىز كۆرگەن ئەڭ كىچىك شوپۇر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ».
 بۇرنا كۈنى چۈشتىن بۇرۇن،شياۋشىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك قاتناش  ساقچىلىرى ۋېنجىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا،  چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدىگەن بالا «شوپۇر» نى بايقاپ قالدى.  ساقچىلار بۇ پىراۋىسى يوق شوپۇرنىڭ 11 ياشقا كىرگەن بالا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. بالىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭغان شوپۇر لى شىلىننىڭ پىراۋىسى قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن  ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 11 ياشلىق بالا شوپۇر ۋېي لوڭفېي شياۋشىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان ۋاقىتتا پۇتىدا ساپما ئاياق بار ئىدى.ئۇنىڭ بىلەن ئەگىشىپ ماڭغان شوپۇرنىڭ پۇتىدىمۇ ساپما ئاياق ئىدى.
 ئىگىلىنىشلەرگە قارىغاندا،لى شىلىن خېنەن شېىنچيۇ ناھيىسىدىن بولۇپ، ۋېي لوڭفېي بولسا ئۇنىڭ دوستىنىڭ ئوغلى ئىكەن. ۋىيلوڭفېي مەكتەپتە ئوقۇشنى خالىماي،نەچچە ئاي ئىلگىرى لى شىنلىنغا ئەگىشىپ ماشىنا ھەيدىگەن. ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەيلا  قاپ يۈرەك  ۋىي لوڭفېي يۈك ماشىنا ھەيدەش ئۇسۇلىنى ئۆگۈنۈۋالغان.ئۇ ئۆزلىكىدىن ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن،  ئۇ يۈك ماشىنىسى ھەيدەشكە باشلىغان. نەچچە ئايدىن بىرى بايقالمىغان.  بۇرنا كۈنى لى شىنلىن ھەيدىگەن چوڭ تىپتىكى ساندۇقلۇق يۈك ئاپتوموبىلى نىڭبودىن ۋېنجىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن يىۋۇغا بېرىپ مال قاچىلىغىلى ماڭغان. ماشىنا ۋېنيوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شېڭجو خۇاڭزى مۇلازىمەت رايونىغا كەلگەندە، چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ساقچىلىرى بىنورمال ئەھۋال بارلىقىنى بايقاپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
نەتىجىدە،  ساقچىلار ھەيرانلىق ئىچىدە  بۇماشىنىنىڭ شوپۇرىنىڭ ساپما ئاياق كىيگەن 11 ياشلىق بالا ئىكەنلىكىنى بايقىدى. تۈنۈگۈن شياۋشىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتناش ساقچى ئىككىنچى چوڭ ئەترىتىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلغان ساقچى دىڭجيەن مۇخبىرغا بۇ 11 ياشلىق بالا شوپۇرنىڭ چوڭ تىپتىكى ساندۇقلۇق يۈك ماشىنىسى ھەيدىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ جېجياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىكەن. ئۇ تونۇشتۇرۇپ ئۆلكىدىكى ئەڭ كىچىك بالا شوپۇرنىڭ 15 ياش ئىكەنلىكىنى، 11 ياشلىق بالا جېجياڭدا ئەڭ كىچىك ياش رېكوردىنى ياراتقانلىقىنى ئېيتتى.
يازلىق تەتىل مەزگىلىدە خەلق ساقچىلىرى يولدىكى گۇمانلىق ماشىنىلارنى قاتتىق تەكشۈرىدىكەن.  بالىلىرىنى ئېلىپ يۈرۈپ مال توشۇيدىغان شوپۇرلارنىڭ قەتئىي پەرزەنتلىرىگە ماشىنا ھەيدەتكۈزمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. بۇ ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەتتۇر.

 

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203