رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 1112 قېتىم كۈرۈلدى
مىسىر باش مىنىستىرى نامايىشچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان بارلىق ساقچىلارنى ئىشتىن ھەيدەشكە بۇيرۇق چۈشۈر ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -11
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان تورى

 

www.alhux.com 
 
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-ئىيۇل خەۋىرى: سېنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» نىڭ 11-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىر باش مىنىستىرى بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا نامايىشچىلارغا زىيانكەشلىك قىلدى دەپ ئەيىبلەنگەن بارلىق ساقچى ئەمەلدارلىرىنى خىزمەتتىن ھەيدەشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، مىسىر باش مىنىستىرى 9-ئىيۇل دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە سۆز قىلغاندا، بىۋاستە ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستېرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، نامايىشچىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا قاتناشقان بارلىق ساقچى ئەمەلدارلىرىنىڭ خىزمىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇ بىرلا ۋاقىتتا چىرىكلىك ۋە نامايىشچىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا چېتىشلىق ساقچى ئەمەلدارلىرىنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈشنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان.
باش مىنىستىر سۆز قىلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، نەچچە مىڭ ئامما قاھىرەدىكى تەھرىر مەيدانىغا يىغىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھاتنى تېزلىتىشىنى دەۋەت قىلغان ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىك دېلوسىغا چېتىشلىق ساقچى ئەمەلدارلىرىنى خىزمەتتىن ھەيدىشىنى تەلەپ قىلغان.
باش مىنىستىر نامايىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندايدىغانلىقىنى قەسەم بەرگەن.
 
 
www.alhux.com

 

 

www.alhux.com 
 
 
www.alhux.com

 

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203