رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1111 قېتىم كۈرۈلدى
«بىن لادېىن» شەكىلدىكى ھۇجۇم قاتتىق ئىنكاس قوزغىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -23
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : gb.cri.cn

 

www.alhux.com

 

خەلقئارا تورى مەخسۇس خەۋىرى:ئەنگلىيە «سەھىيە گېزىتى» نىڭ 7- ئاينىڭ 22- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان زۇڭلىسى يۈسۈف. رازا. گىلانى يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتوننىڭ  ئۇنىڭغا ۋەدە بېرىپ،  لادىنغا ھۇجۇم قىلغان شەكىلدىكى ھۇجۇمنىڭ ئەمدى يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىران گىلانىنىڭ بايانى بىلەن  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە باشقا  ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرى
ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت مەۋجۇت.  چۈنكى ئۇلار  ئىلگىرى :« ئەگەر زۆرۈر بولسا  ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم «بازا»  تەشكىلاتىنىڭ  كاتتىباشلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ» دېگەن.
گىلانىي لوندوندا مۇنداق دېدى:«  بىز ئامېرىكا بىلەن ئاخبارات ئىشلىرىنى  بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقاندىن بىرى، ئامېرىكا  مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە پاكىستان  ئاخبارات ئىدارىسى ئوتتۇرىسىدا  كەڭ دائىرىلىك ئالاقە ئورنىتىلدى.شۇڭا بىز ئاببوتئابادقا  بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، ئىدى. بىراق ئۇنداق بولمىدى.  بىزدە بۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىچە قاراش بار. ئامېرىكا  بىزگە  بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق يەككە ھەرىكەت بولمايدىغانلىقى، ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى».گىلانىينىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن بۇ كاپالەتنى تاپشۇرۇۋالغان. بىراق ھىلارى ئاشكارا سورۇنلاردا  بايانات ئېلان قىلىپ،  ئۇمۇ باشقا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا ئوخشاشلا  باشقا تېررورچىلارغا  يەككە ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما  5- ئايدا ئەنگلىيەنى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى، كۈچلۈك تەكىتلەپ:« بىز ھىندىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىمىز، بىراق بىز پۇقرالىرىمىزنىڭ ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە يول قويالمايمىز، بىز بۇ خىل ھەرىكەتكە بىپەرۋالىق قىلمايمىز».
 گىلانىي يەنە مۇنداق دېدى:«‹بىن لادېن›شەكىللىك تۇيۇقسىز ھۇجۇمنى  قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ،  ئامېرىكىغا قارشى ئېقىم يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا  كەسكىنلەشمەكتە.  ئەگەر خەلقنىڭ قوللىشى بولمىسا، ھەرقانداق بىر مەيدان جەڭدە غالىپ كەلگىلى بولمايدۇ، بىراق تېررورىزمغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتتىمۇ ئوخشاشلا خەلقنىڭ قوللىشى زۆرۈر».«ئەگەر يەنە بىر قېتىم ‹لادىن› شەكىللىك تۇيۇقسىز ھۇجۇم يۈز بەرسە، بۇ ئامېرىكا بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران قىلىدۇ.بۇ  ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق نىشانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىز مەغلۇبىيەتنىڭ بەدىلىنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالالمايمىز».
 ئامېرىكا پاكىستان ئابباتئابادتىكى بىن لادىن تۇرالغۇسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندىن باشلاپ،  پاكىستان  بىلەن غەرب دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ  قالدى.  ئامېرىكا  بىن لادېننىڭ پاكىستاندا زور قوللىغۇچى تورى بار،دېگەن قاراشتىن گۇمانلاندى.پاكىستاننىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى.

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203