رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 1109 قېتىم كۈرۈلدى
يېقىندىن بىرى كورىيە ئارمىيەسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش كۆپىيىپ قالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -12
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : news.xinhuanet.com

 

www.alhux.com ]
 
شىنخۇا ئاگېنىتلىقىنىڭ كابۇل 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرى، كورىيە دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىكى مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنۇلار دېيىلدى:«2005-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا كورىيە ئەسكەرلىرى ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ۋەزىيىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئەمما بۇ مەزگىلدىن بۇرۇن 25 يىل ۋاقىت ئىچىدە كورىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ئومۇمىي ۋەزىيىتى تۆۋەنلىگەنىدى».
ئۇزۇندىن بۇيان، زوراۋانلىق خورلاش قاتارلىق قىلمىشلار كورىيە ھەربىي قىسىملىرىدا ئومۇملىشىپ قالغانىدى. بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1980-يىلى ھەربىي قىسىمدا جەمئىي 391 ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانىدى. ئەمما 2000-يىلىغا كەلگەندە بۇ سان 82 گە چۈشكەن.
كورىيە دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى:«2005-يىلىدىن بۇيان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلارنىڭ سانىدا يۇقىرىلاش كۆرۈلدى. شۇ يىلى، كورىيە ھەربىي قىسىملىرى ئىچىدە جەمئىي 65 ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانىدى. 2006-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتا، بۇ سان يۇقىرىلاپ 77 ۋە 88 گە چىققان. گەرچە 2008-يىلى بۇ سان 75 نەپەرگە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما 2009-يىلى ۋە 2010-يىلى 81-نەپەر ۋە 82 نەپەر بولغان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، شۇ ۋاقىتتا يەنە 10 نەپەر ئەسكەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى سەككىز نەپىرى 2005-يىلى مەلۇم ھەربىي گازارمىدىكى قوراللىق قالايمىقانچىلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن. قالغان ئىككىسى خورلاش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.
2009-يىلىدىكى سانلىق ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھەربىي قىسىمدىكى ھەربىي 100 مىڭ ئەسكەردىن تەخمىنەن 124 نەپىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەر 100 مىڭ كورىيە خەلقىدىن تەخمىنەن 31 ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىكەن.
دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقى مۇنداق قارىدى:«جىسمانىي ۋە تىل جەھەتتە زوراۋانلىق ۋە خورلاش ئارمىيە ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب».
كورىيە ھەربىي تەرەپ ئىزچىل ھالدا بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، 1987-يىلى ئارمىيە ئىچىدىكى زوراۋانلىق ۋە خورلاش قاتارلىقلارغا زەربە بېرىش پرىنسىپىنى، 1994-يىلى خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىسىنى، 2005-يىلى ھەربىي گازارما مەدەنىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئېلان قىلدى. 2009-يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۇنىۋېرسال سىستېمىنى قۇرۇپ چىقتى. 2010-يىلى تىل زوراۋانلىقى قاتارلىقلارنى چەكلەپ، بۇ بىر قاتار خاتا سىياسەتلەرنى ئۆزگەرتكەن.
 
 
www.alhux.com 
 
 
      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203