رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 1110 قېتىم كۈرۈلدى
شىۋاشىنگىر ئايالىغا بېقىش ھەققى بەرگۈسى يوقلىقىنى بىلدۈردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -23
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.chinanews.com

 

www.alhux.com

 

جوڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى خەۋىرى ، تەيۋەن « بىرلەشمە كەچلىك گېزىتى » نىڭ 22 - چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتى سابىق شىتات باشلىقى شىۋاشىنگىر ئاشنىسىدىن بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئايالى مارىيا . چىۋرولىت بىلەن ئۆتكەن 25 يىللىق نىكاھى ئاخىرلاشتى . ئۇنىڭ سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئاجرىشىش ئىلتىماسىدا ئۆزىنىڭ چىۋورلىتقا بېقىش ھەققى  ياكى نىكاھتىن ئاجرىشىش ئادۇۋكاتلىق ھەققى تۆلىگۈسى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن . 

   شىۋاشىنگىرنىڭ 20 - چىسلا سوتقا سۇنغان ھۆججىتى ، بۇ ئاينىڭ 1 - كۈنى  چىۋولىت بىلەن  نىكاھتىن
ئاجرىشىش ئىلتىماسىغا ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ ، ھەر ئىككى تەرەپ تېخى يېتىلمىگەن ئوغلىغا ئورتاق ھامىيلىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى . گەرچە ئۇلار  5 - ئايدىلا نىكاھ مۇناسىۋىتىگە دەز كەتكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ ، بىراق ھەر ئىككى تەرەپ ھازىرغىچە قاچاندىن باشلاپ ئايرىلىپ تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرمىدى . شىۋاشىنگىر كىيىن ئۈيىدىكى ئايال خىزمەتكار بىلەن بىر بالىلىق بولغانلىقىنى ئىتراپ قىلدى .

          ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلىش ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ئۇلار تويدىن بۇرۇن ھېچقانداق كىلىشىم بىكىتمىگەن،كالىفورنىيە قانۇنى بويىچە ،  چىۋورلىتمۇ شىۋاشىنگىرنىڭ يېرىم مال - مۈلۈكىگە ئېرىشەلەيدىكەن ، يەنە بالىلارنى بېقىش ھەققىنىمۇ تاپشۇرىدىكەن .

  شىۋاشىنگىر بىلەن  چىۋورلىتنىڭ تۈزگەن ھەرقانداق كېلىشىمى سىرلىك ھەم باشقىلارغا ئاشكارىلىغىلى
 بولمايدىغان بولىشى مۇمكىن .  شىۋاشىنگىر بۇ يىلنىڭ بېشىدا شىتات باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن چۈشۈرۈلۈپ ، كىنو ساھەسىگە قايتا چىقماقچى ئىكەن ، بىراق ئۇنىڭ سىرتتا ئاشنا تۇتقان سەتچىلىكى تۈپەيلى بۇنىڭغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن . شۇنداقتىمۇ يېقىندا ئۇنىڭ كورىيە رېژىسسورى كىمجۇۋۇن  رېژىسسورلۇق قىلغان"Last Stand " ناملىق كىنودا رول ئالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر كەڭ تارقالماقتا .

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203