Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى
Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى، Microsoft تور بېكىتىنىڭ تۆۋەندىكى ئۇيغۇرچە چۈشۈرۈش ئادرېسى ئېسىڭىزدە بولسۇن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://www.microsoft.com/ug-CN/download/default.aspx
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 21,047 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى am 7:36
- ئالدىنقى يازما :Windows 8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :«ئۇيغۇرسوفت ھاۋالىلىك توشۇش» باشقۇرۇش (بۇلۇت) دېتالى ئېلان قىلىندى
تېخىمۇ كۆپ
106 پارچە باھا يېزىلدى
بۇ زادى نىمە سەۋەپتۇ مۇئەللىم ، تىل بۇلىقىنى پەقەت قاچلىيالمىدىم ، ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم . باشقا تورداشلار بىلسەڭلار دەپ بىرىڭلار.
سىز كومپيوتىرنىڭ بىت سانىغا ئەمەس بەلكى ئوففىس نىڭ بىت سانىغا ئاساسەن قاچىلاڭ مەسىلەن ئوففىسنىڭ بىت سانى 32 بىت لىق بولسا سىز شۇنى قاچىلىسىڭىز قاچىلىنىدۇ، 64 بىت لىق سېستىمىدىمۇ 32 بىت لىق ئوففىس نى ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ھە ئە ، سىز دىگەندەك قىلسام قاچلاندى، مەن تىل بۇلىقىنىڭ بىت سانىنى خاتا چۇشنىۋېلىپ بىر كۈن ئاۋارە بوپتىمەن ، كىيىن يەنە بىر تىل بۇلىقىنى چۇشۇرۇپ سىناپ باقسام گەپ يوق قاچلاندى…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ ئاپتورلىرى!
ژۇرنىلىمىز ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاپتورلارنى پەن–تېخنىكا يېزىقچىلىقىدا تەربىيەلەش ۋە ئاپتورلارغا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 25~30-كۈنلىرى ئەتراپىدا «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى ئۈرۈمچىدە ئاپتورلار ئۈچۈن پەن-تېخنىكا يېزىقچىلىقى كۇرسى ئاچماقچى، كۇرسنىڭ ئومۇمىي ۋاقتى 1~3 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ.
بېرىش-كېلىش يول كىراسىنى ئاپتورلار ئۆزى كۆتۈرىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى تاماق، ياتاق دېگەندەك چىقىملارنى ژۇرنال كۆتۈرىدۇ.
ژۇرنىلىمىز ئاپتورلار ئىشلەۋاتقان ئىدارە ياكى شىركەتكە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى نامىدا تەكلىپنامە ئەۋەتىدۇ. بۇ ھالدا بېرىش-كېلىش يول كىراسىنى ئىدارىڭىزگە ئاتچوت قىلدۇرالايسىز.
بۇ قېتىمقى كۇرستا پولات ھېۋزۇللا، ئالىم ئەھەت، ئەمەتجان رۇسۇل قاتارلىقلار ژۇرنالغا قانداق ماقالە يېزىش، ماقالىنى قانداق يېزىش، قايسى جايلارغا دىققەت قىلىش ۋە باشقا تەرەپلەردىن لېكسىيە سۆزلەيدۇ. ئەھۋالغا قاراپ ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلاممۇ لېكسىيە سۆزلىشى مۇمكىن.
لېكسىيە سۆزلەيدىغانلار ھەققىدە تۆۋەندە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىلدى.
ھوشۇر ئىسلام: ئاكادېمىك، دوكتور يېتەكچىسى، كومپيۇتېر پەنلىرىدىكى يولباشچى، ئالىم، دۆلەت دەرىجىلىك مۇتەخەسسىس.
پولات ھېۋزۇللا: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى.
ئالىم ئەھەت: «ئۇيغۇرسوفت» كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، جۇڭگو IT ساھەسىدىكى 10 مەشھۇر ياشنىڭ بىرى، windows 8 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى.
ئەمەتجان رۇسۇل: «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى» چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى.
بۇ كۇرسقا قاتنىشىشنى خالايدىغان ئاپتورلار (ياكى ئاپتور بولماقچى بولغانلار) ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى، ئىشلەۋاتقان ئىدارە ياكى شىركەت ئىسمى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلارنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە قىلىپ xjcfan@sina.com غا يوللاپ بەرسەڭلار. بىز شۇ بويىچە ئاپتورلارغا تەكلىپنامە ئەۋەتىمىز.
ئەسكەرتىش: بۇ كۇرسقا ژۇرنىلىمىزدا ماقالە ئېلان قىلمىغانلار ياكى ماقالە ئېلان قىلىش پىلانى يوقلار تىزىملىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، بۇ كۇرستا پەقەت «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ ئاپتورلار قوشۇنىنى زورايتىش ۋە ئاپتورلارغا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش مەقسەت قىلىنغان. كۇرسقا غەيرى مەقسەتتە تىزىملىتىپ، ئۆزىڭىزنى ھەم بىزنى ئاۋارە قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
تورداشلارنىڭ بۇ تېمىنى ھەرقايسى تور بېكەتلەردە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى، تور بېكەت ئىگىلىرىنىڭ بۇ تېمىنى بېكەتلىرىدە بىر مەزگىل چوققىلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەسلى تېما ئادرېسى: http://bbs.xjcfan.com/thread-3778-1-1.html
ھۆرمەت بىلەن: «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى
2013-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
مۇشۇ ژورنال بۇرۇن ئۇيغۇرسوفت شىركىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغاندا، ئادەمگە نەپ بېرىدىغان تېخنىكا ۋە بىلىملەر بىلەن ئوبدان باشقۇرۇلغان ئىدى. بىر ئىككى يىلدىن بېرى بۇ ژورنال ، قۇرۇق خەۋەر باسىدىغان گېزىت ژورنالغا ئوخشاش ، ئۇ يەر، بۇ يەردىن خەۋەر، ئۇچۇرلارنى باسىدىغان بۇلۇپ كەتتى. مۇقىم بىر تېخنىكا ياكى ساۋات بېرىدىغان ، پايدىلىنىش قىممىتى بەكلا تۆۋەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشتىرى بوپ قويساق، 12-ئايدا 3-ياكى 4-سان كېلىۋاتقان. ۋاقتىدا نەشىر قىلىنمايۋاتقان.
بۇ ژورنالمۇ نامى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق بوپ قالمىسا، ئاپتورلارنى تەربىيلەيمىز دېمەي، ئەڭ ياخشىسى ژورنالغا ياخشى تېخنىكىلارنى تونۇشتۇرۇشقا ۋاقتى يەتمىگەن، ژورنالنى ۋاقتىدا بېسىپ، مۇشتىرلارنىڭ قولىغا ۋاقىدا يەتكۈزمىگەن مۇلازىمەتچىلەرنى ئالدى بىلەن تەربىيلىسەك،
مۇشۇ ژورنالغا ئەمدى داڭلىق ئۇستازلارنى تەكلىپ قىلىپتىمىز. ياخشى بوپتۇ. بىراق بۇلارنى تەكلىپ قىلىپ، داغدۇغا قىلغان بىلەن، تۆۋەن قاتلامدىكى ، بىلىم سەۋىيەسى تۆۋەندىكى ئوقۇرمەنلەرگە نەپ يەتكۈدەك ئىش بولمىسا، مۇشۇنداق لىڭپاي يۈرسە، بۇ ژورنالنىڭ نەدىمۇ قەدىر قىممىتى بولسۇن!
يېقى 3 يىلدىن بېرى ژۇرنالنى كۆرمەپسىز جۇمۇ؟ ژۇرنال مۇشۇ 3 يىلدىن بېرى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىۋاتىدۇ، ۋاقتىدا قولغا تېگىۋاتىدۇ. مەن گەرچە مۇشتىرى بولمىغان بولساممۇ، كىتابخانىلاردىن ھەر بىر ساننى ئۈزمەي ئېلىپ ئوقۇۋاتىمەن.
يەنە بىرسى ژۇرنالغا ياخشى تېخنىكىلارنى مۇلازىمەتچىلەر تەمىنلىمەيدۇ، بەلكى ئاپتورلار تەمىنلەيدۇ. ياخشى ماقالە بولمىسا، ژۇرنال مۇددەتتىن بۇرۇن چىقسىمۇ نېمە قىلىمىز ئۇنى؟ يېزىدىكى چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ بەرسەم، ئوچاققا تۇترۇق قىلسا بولىدۇ شۇ.
ژۇرنالدىكىلەر ياخشى ماقالە ئۈچۈن، ئاپتورلار بىلەن ئالاقىلىشىۋېتىپتۇ، ئاپتورلارغا مۇنداق ماقالە يازساڭلار تېز بېسىپ بېرىمىز دەپ ھەقسىز كۇرس ئېچىۋېتىپتۇ. ئۇستازلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئاپتورلارنى تەربىيىلەۋېتىپتۇ.
ياخشىسى قۇرۇق قاقشاشنى قويايلى. ياخشى قىلمىسا تېخى قاقشىغان، ياخشى قىلايلى دەپ ھەرىكەتلىنىۋاتسا تېخى قاقشىغان. قارىغاندا ژۇرنالنى چىقارمايلا قويسا ئوبدان بولامدۇ نېمە؟
ئۆزۈمگە ۋە سىزگە تەكلىپ: قاقشاش ئوبدان ئىش ئەمەس، قولىمىزدىن كەلسە، ژۇرنالغا ياخشى ماقالە ئەۋەتەيلى، ئۇلارنى قوللايلى. ئەگەر ئۇلار يەنە ياخشى چىقارمىسا، ئاندىن ئۇلارنى تىللىساقمۇ، ياكى بېرىپ تازا بىر دەسسەپ پېتىقدىۋېتىپ كەلسەكمۇ بولىدۇ.
ئۆزىمىز بىر ئىش قىلماي تۇرۇپ، ئىش قىلغانلارنى ئۇ-بۇ دېسەك، ئۇلارنى بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇرۇۋېتىش كويىدا بولساق، بۇ ئادەملىككە توغرا كەلمەيدۇ.
ھازىر ژۇرنالنى XJCFAN ئىشلەۋاتىدۇ. بولسا http://bbs.xjcfan.com غا كىرىپ، ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنى كۆرۈپ تۇرۇڭ.
ئۆتكەندە ئاڭلىسام، ئۇلار ژۇرنالنى 3 يىلدىن بېرى ھەقسىز ئىشلەۋېتىپتۇ، 10 يىلدىن بېرى توختام قالغان قەلەم ھەققى بېرىشنى بۇ يىلدىن باشلاپ نورمال يولىغا ساپتۇ. قىسمەتكامنى بۇرۇنمۇ چوڭ بىلەتتىم. بۇ ئىشنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قايىل بولدۇم. مىللەت دېگەننى ئېغىزىدا ئەمەس، ئەمىلىيىتىدە مۇنداق سۆيسىمۇ بولىدىكەنغۇ مانا!
سىز قانداق قىلىسىز بىلمىدىم. لىكىن مەن 3 يىل ئەمەس، 3 ئاي بىكارغا ئىشلەشكە ئامالسىز. بىكارغا ئىشلىسەم قورسىقىمنى قانداق باقىمەن؟ خوتۇننى قايسى پۇلغا ئالىمەن؟
3 يىل بىكارغا ئىشلەش، ئىشلىگەندىمۇ راۋۇرۇس ئىشلەش بۇ ئاددى ئىش ئەمەس.
مەن كومپيۇتېر كەسپىدە ئەمدىلەتىن تەمتىلەپ مېڭىۋاتقان بوۋاق، ژۇرنالغا ماقالە يېزىپ قوللاش ھازىرچە قولۇمدىن كەلمەيدۇ. پەقەت ژۇرنالنى سېتىۋېلىش، باشقىلارغا تەشۋىق قىلىش بىلەن قوللىيالايمەن.
ئۆزىمىزنىڭ ژۇرنىلىنى ئۆزىمىز قوللىمىساق كىم قوللايدۇ بۇنى؟
قېنى سىزدىن سوراي: سىز ژۇرنالنى قانداق قوللىدىڭىز؟ قانداق قوللىماقچى؟
سىزنىڭ ئۆيىڭىز ژورنال باسىدىغان زاۋۇتقا يېقىن ئوخشايدۇ ئەمىسە……مەن قاقشىمىدىم، راست گەپنى دېدىم. مەن بۇ ژورنالنى ئۇيغۇرسوفت شېركىتى تۇنجى نەشىر قىلغاندىن باشلاپ، كۆرۈۋاتىمەن. بۇرۇنقى ژورنال بىلەن ھازىرقىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۈرۈپ بېقىڭ ۋاقىتىڭىز چىقىپ قالسا…. بولمىسا، جەنۇپتىكى كىتاپخانىلاردىن، مۇشتىرلاردىن سوراپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ…بۇ يەردە ماڭا سۇئال قۇيۇپ يۈرمەي
بەك بەلەن ئىش بوپتۇ ، مەن ھازىرغىچە Office 2000 دىن باشلاپoffice 2013 كىچە ھەممىنى ئىشلىتىپ كەپتىمەن مۇشۇ office 2013 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى ھەممىدىن بەك ياققانتى ، ئەمدى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بىلەن بىر ئىشلىتىپ ھوزۇرىنى سۈرۈپ باقمىسام ، قېنى قانچىلىك گۈزەللىشىدىكىن
مىنىڭ بەك مۇھىم سۇئالىم بار ،بۇنىڭدىكى خەتلەر سىستىمنىڭ خەت نوسخىسىگە ئوخشىمايدىغۇ؟
بۇ نىمە ئىش دەيمەن ، مەن تىل بۇلىقىنى قاچلىيالمىدىم ، ئاكتىپلانغان ھەقىقى نەشرى ئىدى بولمىسا ، قوزغىلىپلا يۇقاپ كىتىدۇ يا بۇ تىل بۇلىقى ، سۇپىنى 8.1 گە كۈتەرسەم ئەسلىدە باشلاشتىكى خېلى كۆپ ئۇيغۇرچە ئەپلەر يەنە خەنزۇچە بوپ قالدى … بەك ئىچىم سىقلىپ كەتتى ، بۇنى ئوڭلايدىغان ئامال يوقمۇ؟ ئوففىسنىڭ تىل بۇلىقىنى قاندا قاچلايمەن؟
كومپيۇتېرنى توختىماي قايتا قوزغىتىڭ . توختىماي بىر قانچە قېتىم سىنىسىڭىز تۇلۇق ئۇيرۇغچە بولىدۇ
مەنمۇ ۇقاچىلاش پىرگىراممىسىنى ئىجرا قىلسام قاچىلانغاندەك قىلىپلا يوقاپ كىتىپ قاچىلىيالمىدىم،ياردەم قىلساڭلا
Office 2013تىنى ئۇيغۇرچە قىلىشىتىن ياردەم قىلساڭلار
مەنOffice 2013نى2013-يىلى8-ئاينىڭ18-كۇنى رەسمىي نۇسقۇسىنى699يىۈەنگە سىتىۋالغان.15-نۇيابىر كۇنى ئالىم مۇئەللىمنىڭ تور بىكىتىدىن ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى ئىلان قىلنغانلىق خەۋىرنى ئاڭلاپ ئالىم مۇئەللىمدىن چەكىسز خۇشال بولدۇم.مىكروسوفىت ئورگان توربىتىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولقىنى چۇشۇرۇپ قاچىلىغان بولساممۇ لىكىن ئۇيغۇرچە قىلالمىدىم.
ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۇشۇرۇپ ئۇيغۇرچە قىلغان قىرىنداشلارنىڭ توۋەندىكى تەرتىپ بويچە سۇرەتلىك دەرسلىك ئىشلەپ ماڭا ئوخشاش مەسىلىگە دوچ كەلگەنلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى چىن كوڭلۇمدىن ئومۇت قىلىمەن.
مىنىڭ كومپىيۇتېرىمغاwindows8.1نىڭ64بىتلىق روسمىي سىتۋالغان نەشىرى قاچىلانغان.Office 2013نىڭمۇ سىتىۋالغان رەسمىي نۇسقىسى قاچىلانغان.
1-Office 2013نى قانداق ئاكىتپلايمىز.
2-Office 2013نى قانداق ئۇسۇل بىلەن ئۇيغۇرچە قىلىمىز
مۇشۇ ئىككى مەسلە توغۇرسىدا تەپسىلىي سۇرەتلىك دەرسلىك ئىشلەپ قويۇشىنى ئومۇت قىلىمەن.
ئاخىردا ئالىم ئەخەت مۇئەللىمگە چىن كوڭلۇمدىن زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.
2013 كە ئويغۇرچە تىل بولىقىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئورناتتىم، ئالىم ئەپەندى رەھمەت سىزگە ، بەك سۈيۈنۈپ كەتتىم
پەقەت كۈرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچىلىشىپتۇ ، تەھرىرلەش تىلى تېخى قۇشۇلماپتۇ
تەھرىرلەش تىلىنى ئۆزىڭىز تەڭشسىڭىز بۇلىدۇ ، مىنىڭكى كۆزنەك 7 ، 2013 ئويغۇرچىسى نورمال ئىجرا بولۋاتىدۇ
بۇ ھەقلىقمۇ؟
تىل ھۆججىتى دىگەن ئەزەلدىن ھەقسىز.
office نى ھەقلىق سېتىۋالىسىز شۇ.
بۇ ھەقلىقمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، ئاللا قولۇڭلارغا دەرت بەرمىگەي، ئۇيغۇر ئانا تىلىمىز ئۈچۈن يۈرەكلىرىڭلار يۈز يىللارچە سوقسۇن،
مەن Office2013 ئائىلىسىدىكى بارلىق ئەزالارنى بىر قىتىم قوزغىتىپ كۆردۈم، كۆپ ئىشلىتىدىغانلاردىن Word 2013، Excel 2013 ۋە PowerPoint 2013 قاتارلىقلار تولۇق ئۇيغۇرچىلىشىپتۇ. لىكىن Office2013 ئائىلىسىدىكى ماۋۇ يۇمشاق دىتاللار Access 2013 ، InfoPath Designer 2013 ، InfoPath Filler 2013 ، Lync 2013 ، Publisher 2013 SkyDrive Pro 2013 ئۇيغۇرچىلاشماپتۇ.
ئالىم مۇئەللىم سىز تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا مۇشۇلارنى تەرجىمە قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ دىگەنمىدىڭىز ياكى ئۇلارنىڭ Office2013 ئائىلىسىدىكى بارلىق يۇمشاق دىتاللارنى تولۇق تەرجىمە قىلىۋىتىشكە ۋاقتى يەتمىدىمۇ؟
تەڭشىشىڭىزدە مەسلە بارمۇ قانداق؟
مەن قارىسام پابلىشىر، لىنك، ئىنفوپاس، ئەكسېس ھەممىسى ئۇيغۇرچىلىشىپتىغۇ.
ماڭا ياردەم قىلامسىز؟چ چ 279343835
يانفۇن نۇمۇرۇم:18609980095
مانا مەنمۇ قاچىلاپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋالدىم. ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان رەسىملەردىن بىرقانچىنى تۇتىۋالغان ئىدىم ، بۇيەرگە رەسىم يوللىيالمىدىم، مانا ماۋۇ يەردىن كۆرۈپ بىقىڭلار:
http://www.kyomm.com/uy/forum.php?mod=viewthread&tid=1368
ھەقىقەتەن پەچەت بوپ كېتىپتۇ جۇمۇ
يەنىلا بارلىق دوستلارنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، بىر نۇسقىدىن سېتىۋېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
مەن ئۆز ۋاقتىدا 8 نى 248 يۈەنگە، Office 2010 专业版 نى 149 يۈەنگە سېتىۋالغان، كىيىن 2013 كە ھەقسىز يېڭىلاپ بەردى. بىراق بۇ توردا پەقەت ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇقۇتقۇچىلىرى تىزىملىتالايدىكەن.