ئاپتوموبىل ئائىلىسى 4-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : ئەمدىلا باشلانغان جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە، سكۇدا ئاپتوموبىل شىركىتى يېڭى ئوستاۋا RS 230 ساياھەت نۇسخىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ ئاپتوموبىل تاشقى كۆرىنىش جەھەتتە يېڭى ئوستاۋا RS بىلەن جىق پارقلىنىپ كەتمەيدىكەن. چوڭ رازمېرلىق قارا رەڭلىك بۇل ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ كۆركەملىكىنى ئاشۇرغان.
ئادەتتىكى نۇسخىسىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يېڭى ئاپتوموبىل قۇيرۇق قىسىم شەكلى بىر ئاز ئۆزگەرتىلگەن، ئومۇمىي جەھەتتىن تەنھەرىكەت تىپىغا مايىلكەن، قارا رەڭلىك ئىككى تەرەپتىن تاق چىقىرىش شەكلىدىكى گاز بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى ئىنتايىن ئۆزگىچىكەن.
ئىچكى بېزىلىشى جەھەتتە، بۇ يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئىچى قارا رەڭنى ئاساس قىلغان ھەمدە قىزىل رەڭلىك كەشتە يىپى بولغان ئاستى تەكشى ئۈچ شادىلىق تەنھەرىكەت تىپىدىكى رول سەپلەنگەن. سەپلىمىسى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا چوڭ رازمېرلىق سۇيۇق كرېستاللىق ئېكران ۋە ئاچقۇچسىز قوزغىتىش سېستىمىسى قاتارلىقلار سەپلەنگەن.
ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا بىر دانە 2.0TSI لىق ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇۋۋىتى 230 ئات كۈچى، 100 كىلومېتىرلىق تېزلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ قىسقا بولغاندا 6.7 سىكۇنت ۋاقىت كېتىدىكەن. بۇ ئاپتوموبىلغا بىر يۈرۈش تۇنجى قېتىم سكۇدا ئاپتوموبىل پاسونىغا سەپلەنگەن ئوقنى ئېلېكترونلۇق كونترول قىلىش سۈرئەت پەرقلەندۈرگۈچ سەپلەنگەن بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئايلانما يولدا ماڭغاندىكى ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
ئىنفىنىت GranTurismo ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
ئەينى يىللاردىكى «كاناي ئىشتان» مودا ئېقىمى بۇ يىل قايتىلانماقچى
تارىختىكى بۈگۈن: 19- فېۋرال
ئۆتكەن ئەسىردىكى مودا يانفۇنلار
2015-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تارىختىكى بۈگۈن: 15- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 14- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 13- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 12- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 11- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن:10-فېۋرال