ئاپتوموبىل ئائىلىسى 4-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : پورۇسچىنىڭ ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش مۇتەخەسىسى TECHART داۋاملىشىۋاتقان جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە ئۆزلىرى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغان ئۈچ دانە پورۇسچى 911 ئاپتوموبىلىنى كۆرگەزمە قىلدى، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا Targa 4S ، Turbo S Cabriolet ۋە Carrera GTS ؛ TECHART بۇ ئاپتوموبىللارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتكەن ھەمدە يېڭىدىن نام بەرگەن.
TECHART Cabriolet
TECHART Cabriolet ئاپتوموبىلى پورۇسچى 911 Targa 4S ئاساسىدا ئىشلەنگەن. تاشقى كۆرىنىشىگە كىچىك تىپتىكى ئورالما يۈرۈزلۈك زاپچاس قوشۇلغان بولۇپ، ئاستى قىسمىنى بويلاپ بىر ئايلاندۇرۇپ چىققان بولۇپ، پۈتۈنلەي كاربون تالالىق ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن. بۇلى بولسا TECHART Formula IV تىپلىق بولۇپ، دىئامېتىرى 21 ديۇم. مەشغۇلات قىلىش جەھەتتە، TECHART بۇ ئاپتوموبىلغا تەنھەركەت تىپىدىكى تەۋرىنىشنى پەسەيكۈچ يۈرۈشلۈك زاپچاسلىرىنى ئالماشتۇرغان، تورمۇز پەركاسى ئاپتوموبىل سىرى بىلەن ئوخشاش يېشىل رەڭدە سىرلانغان ھەمدە TECHART نام بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن. بۇندىن باشقا بۇ ئاپتوموبىلنىڭ گاز بىر تەرەپ قىلىش سېستىمىسىمۇ ئۆزگەرتىلگەن، كلاپانلىق تەڭشىلىدىغان ئىقتىدارى بولۇپ، تەڭشەش ئارقىلىق گاز چىقىرىش شاۋقۇنىنى كونترول قىلغىلى بولىدىكەن.
TECHART Cabriolet
پورۇسچى 911 Turbo S Cabriolet ئاساسىدا ئىشلەنگەن قارا رەڭلىك TECHART Cabriolet يۇقىرىدا تونۇشتۇرغان يېشىل رەڭلىك TECHART Cabriolet بىلەن تاشقى كۆرۈنۈش ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش زاپچاسلىرى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، قارا رەڭلىك TECHART Cabriolet نىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچ سېستىمىسىغا قارىتامۇ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش نامى “TA 091/T1.1” بولغان ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچ يۈرۈشلۈك زاپچاسلىرى ئارقىلىق، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇۋۋىتى ئەسلىدىكى 560 ئات كۈچىدىن 620 ئات كۈچىگە، ماكسىموم تولغىنىش مومېنتى ئەسلىدىكى 700 ن.م دىن 830 ئات كۈچىگە يەتكەن. ئەڭ ئاخىرىقى كۈل رەڭلىك TECHART Coupe يۇقىرىدىكى ئىككى ئاپتوموبىل بىلەن پەرقى چوڭ ئەمەس، پەقەت بۇلىغا 20 ديۇملۇق بۇل ئالماشتۇرۇلغان. يۇقىرىدىكى ئۈچ ئاپتوموبىل بولسا پورۇسچى 911 نىڭ ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، بۇنىڭدىن TECHART نىڭ ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش ئۇسلۇبىنىڭ ئىنتايىن سالماق ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئەسلىدىكىسى ئاساسىدا بىر ئاز بېزەپ چىقىرىدىغانلىقىنى ، ئەسلىدىلا كۈزنى قاماچتۇرىدىغان 911 غا يەنە بىر قېتىم ئەپچىللىك بىلەن گىرىم قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
ئىنفىنىت GranTurismo ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
ئەينى يىللاردىكى «كاناي ئىشتان» مودا ئېقىمى بۇ يىل قايتىلانماقچى
تارىختىكى بۈگۈن: 19- فېۋرال
ئۆتكەن ئەسىردىكى مودا يانفۇنلار
2015-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تارىختىكى بۈگۈن: 15- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 14- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 13- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 12- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 11- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن:10-فېۋرال