ئاپتوموبىل ئائىلىسى 4-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : يېقىندا بىز 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە رېنالتنىڭ يېڭى ئاپتوموبىل پىلانىنى ئىگىلىدۇق، 2016-يىلى يىل ئاخىرىدا ئۈچ خىل پاسوندىكى SUV ئاپتوموبىلى جۇڭگو بازىرىغا كىرىدىكەن، ئۇلار كىچىك تىپتىكى SUV Captur، ئىخچام تىپتىكى SUV Kadjar ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى SUV ئاپتوموبىل پاسونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
( رېنالت Captur ئاپتوموبىلى )
رېنالتنىڭ يېڭى ئاپتوموبىل پىلانىغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭ ئىچىدىكى كىچىك تىپتىكى SUV Captur بۇ يىل ئاپرېلدىكى شاڭخەي ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ گەۋدە ئۇزۇنلۇقى 4120mm، ئوق ئارىلىقى 2606mm ، ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا بىر دانە 0.9 لتېرلىق ئۈچ گاڭلىق پىرقىرىغۇچلۇق ماتور سەپلەنگەن. 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە ئەمدىلا ئېلان قىلىنغان ئىخچام تىپتىكى SUV Kadjar مۇ بۇ يىل ئاپرېلدا شاڭخەي ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە نامايەن بولىدىكەن.
( رېنالت Kadjar ئاپتوموبىلى )
شەرق شامىلى رېنالت ئىشلەپچىقىرىدىغان رېنالت Kadjar ئاپتوموبىلى 2016-يىلى رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن، بۇ ئاپتوموبىل ھازىرقى پاسوندىكى Kadjar ئاساسىدا ئوق ئارىلىقى ئۇزارتىلىپ ئىشلەنگەن. بۇندىن باشقا شەرق شامىلى رېنالت 2016-يىلى ئەڭ يېڭى ئوتتۇرا تىپتىكى SUV ئاپتوموبىل پاسونىنى چىقىرىدىكەن.
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
ئىنفىنىت GranTurismo ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
ئەينى يىللاردىكى «كاناي ئىشتان» مودا ئېقىمى بۇ يىل قايتىلانماقچى
تارىختىكى بۈگۈن: 19- فېۋرال
ئۆتكەن ئەسىردىكى مودا يانفۇنلار
2015-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تارىختىكى بۈگۈن: 15- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 14- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 13- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 12- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 11- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن:10-فېۋرال