ئاپتوموبىل ئائىلىسى 4-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە، ئاۋدى شىركىتى ئەڭ يېڭى بولغان ئاۋدى R8 V10 ۋە R8 V10 plus نى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ يېنىغا يەنە بىر ئاپتوموبىل قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىل دەل ئەڭ يېڭى ئاۋدى R8 LMS مۇسابىقە ئاپتوموبىلى.
بۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلى يېڭى ئاۋدى R8 V10 ئاپتوموبىل پاسونى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ھەمدە FIA GT3 گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقە بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ياسالغان. ئېغىرلىقى 1225 كىلوگرام بولۇپ، ئالدىنقى ئەۋلاد پاسوندىن 25 كىلوگىرام يېنىك، ئەمما گەۋدىسىنىڭ تولغىنىشقا چىداملىق دەرىجىسى % 39 يۇقىرى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئايرۇدېنامىكا لايىھىسىمۇ بەلگىلىك ئۆزگەرتىلگەن، ئاپتوموبىلنىڭ پۈتكۈل تەگلىكى بىلەن ئارقى دىففۇزورى بىرلەشتۈرۈلگەن ھەمدە ئارقى بۇل ئەگمىسى بىلەنمۇ تۇتىشىپ كەتكەن. ئارقا ھاۋا بۆلۈش تاختىسىنىڭ رازمېرى ئالدىنقى ئەۋلاد پاسونىدىن سەل كىچىك، بىخەتەرلىك جەھەتتە، ئاۋدى بۇ ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ ئالدى قىسىم قۇرۇلمىسىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىش بىرلىكى قوشۇلغان ھەمدە گەۋدە گەۋدە ئۈستىگە قېچىپ قۇتۇلۇش ئىشىكى قويۇلغان.
ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچ سېستىمىسى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا 5.2 لتېرلىق V10 ماتورى سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇۋۋىتى 585 ئات كۈچى، ماتورغا ماسلاشتۇرۇلغىنى ئالتە خوتلۇق قوش ئايرىغۇچلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتىش كۇرۇپكىسى. بۇ يېڭى ئاپتوموبىل بۇ يىللىق نىيۇبورك 24 سائەتلىك چىدامچانلىق مۇسابىقىسى ۋە Spa 24 چىدامچانلىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى مۇمكىن.
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
ئىنفىنىت GranTurismo ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
ئەينى يىللاردىكى «كاناي ئىشتان» مودا ئېقىمى بۇ يىل قايتىلانماقچى
تارىختىكى بۈگۈن: 19- فېۋرال
ئۆتكەن ئەسىردىكى مودا يانفۇنلار
2015-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تارىختىكى بۈگۈن: 15- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 14- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 13- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 12- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 11- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن:10-فېۋرال