سۇمرۇغ ئاپتوموبىل خەۋىرى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلغان 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، بېنتلى رەسمىي تۈردە يېڭى نۇسخا ئوۋلۇ GT V8 S نى، يېڭى نۇسخا ئوۋۇ GT Speed ۋە يېڭى نۇسخا ئوۋلۇ GT V8 S ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇسخا ئاپتوموبىلنى ئېلان قىلدى.
يېڭى نۇسخا ئوۋلۇ GT جەمەتى ئاساسلىقى ئالدى يۈز قىسمىنى ئوڭشىغان، يېڭى نۇسخا ئوۋلۇ GT V8 S، يېڭى نۇسخا ئوۋلۇ GT Speed ۋە يېڭى نۇسخا ئوۋلۇ GT V8 S ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى بىخەتەرلىك لىمى ئىككى يىنى تۆت قىر شەكىلدىكى ھاۋا كىرىش رىشاتكىسىنى ئوتتۇرا قىسمىدىكى تەتۈر پەلەمپەي شەكىلدىكى لايىھە ئۇسلۇبقا ماسلاشتۇرغان بولۇپ، يېڭى ئاپتوموبىلغا تېخىمۇ كۆپ مودا تۇيغۇسىنى ئاتا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋقىتتا ئۈچ نۇسخا ئاپتوموبىل تېخىمۇ كەڭ تېخىمۇ چوڭ بولغان كەينى چاق ئەگمىسىنى قوللانغان بولۇپ، كۈچلۈك تۇيغۇسى تولغان. ئۇنىڭدىن سىرت، يېڭى نۇسخا ئوۋۇ GT V8 S بىلەن يېڭى نۇسخا ئوۋلۇ GT Speed نىڭدىن ئىبارەت ئىككى نۇسخا ئاپتوموبىلغا يەنە يېڭى شەكىلدىكى كەينى دىففۇزىيىلىگۈچ سەپلەنگەن.
ئىچكى زىننەتلەش جەھەتتىن، يېڭى نۇسخا ئوۋلۇ GT V8 S، يېڭى نۇسخا ئوۋلۇ GT Speed ۋە يېڭى نۇسخا ئوۋلۇ GT V8 S نىڭ ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىلى Alcantara يۈزلۈك ئورۇننى قوللانغان، راھەت ۋە ھەشەمەتلىك تۇيغۇسى ئورتاق ھازىرلانغان. ئۇنىڭدىن سىرت بېنتلى تەرەپنىڭ ئېلان قىلىشىچە يېڭى نۇسخا ئوۋلۇ GT 17 خىل ئىچكى رەڭنى ئىستىمالچىلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن تەمىنلەيدىكەن.
  ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتىن، يېڭى نۇسخا ئوۋلۇ GT V8 S بىلەن يېڭى ئوۋلۇنىڭ GT V8 S ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسىغا يەنىلا 4.0T لىق ماتۇر سەپلىنىدۇ، بۇ ماتۇرنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 529 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومىنتى 680N.M. يېڭى نۇسخا ئوۋلۇ GT W12 بىلەن ئوۋلۇ GT W12 ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسىغا بولسا 6.0T لىق قوش پىرقىرغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتۇر سەپلىنىدۇ، بۇ ماتۇرنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 590 ئات كۈچى، چوققا نۇقتىدىكى تولغىنىش مومىنتى 720N.M، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ قايتىدىن تەڭشەلگەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسىنى ھازىرقى نۇسخا ئاپتوموبىلغا سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى ۋە تولغىنىش مومىنتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15 ئات كۈچى ۋە 20N.M يۇقىرلىغان. 
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer  پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك  ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
ئىنفىنىت GranTurismo ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
ئەينى يىللاردىكى «كاناي ئىشتان» مودا ئېقىمى بۇ يىل قايتىلانماقچى
تارىختىكى بۈگۈن: 19- فېۋرال
ئۆتكەن ئەسىردىكى مودا يانفۇنلار
2015-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تارىختىكى بۈگۈن: 15- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 14- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 13- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 12- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 11- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن:10-فېۋرال