ئاپتوموبىل ئائىلىسى 4-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : تېچارت ( TECHART) ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغان پورۇسچى Macan ئاپتوموبىلى بۇ يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە نامايەن بولدى، بۇ پورۇسچى ئاپتوموبىللىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزگەرتىپ كېلىۋاتقان كارخانا، ئۇلار ئەنئەنىۋى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش ئۇسلۇبى بۇ يېڭى پورۇسچى Macan ئاپتوموبىلىدا نامايەن قىلغان.
بۇ ئاپتوموبىلغا بىر پۈتۈن يۈرۈش ئايرۇدېنامىكا زاپچاسلىرى قوشۇلغان بولۇپ، ئالدى ئارقى ھاۋا بۆلۈش تاختىسى، يان ئېتىكى، ئارقى تۆۋەن تەرەپ ھاۋا بۆلگۈچىسى قاتارلىقلار ئۆلچەملىك سەپلەنگەن. ئالدى بىخەتەرلىك قاپقىغىنىڭ كاربون تالالىق بېزىكى بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سالماق بولغان خىسلىتىنى نامايەن قىلغان. TECHART بۇ ئاپتوموبىلنى يەنە 21-22 ديۇملۇق ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى بۇل بىلەن تەمىنلىگەن، ئالدى 275mm، ئارقى 315mm لىق بالۇن ماسلىشىپ، مەشغۇلاتچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچ سېستىمىسى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ 3.6 لتېرلىق V6 پىرقىرىغۇچلۇق ماتورىغا يۇقىرى ئىقتىدارلىق گاز بىر تەرەپ قىلىش سېستىمىسى ئالماشتۇرۇش ۋە ECU بىرلىكىنى قايتىدىن تەڭشەش ئارقىلىق، ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇۋۋىتىنى 50 ئات كۈچى ئاشۇرۇپ، 450 ئات كۈچىگە يەتكۈزگەن. تۆۋەن تەڭشەڭتىكى 3.0 لتېرلىق نۇسخىسىنىڭ قۇۋۋىتىمۇ ئوخشاشلا 50 ئات كۈچى ئاشۇرۇلۇپ، 390 ئات كۈچىگە يەتكەن. ئۆزگەرتىلگەن ئاتموسفرالىق ئاسما جازىسى ئاپتوموبىل port Plus مودۇلى شارائىتىدا قوزغالغاندا، گەۋدىسىنى 30mm تۆۋەنلىتىدىكەن.
بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچى زاكاس بېزىكى بىلەن تەمىنلەنگەن بولۇپ، خاسلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن، پورۇسچىنىڭ نوپۇزلۇق ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، TECHART بۇ ئاپتوموبىلغا ئالاھىدە بولغان ئىلھام ئاتا قىلغان.
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
ئىنفىنىت GranTurismo ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
ئەينى يىللاردىكى «كاناي ئىشتان» مودا ئېقىمى بۇ يىل قايتىلانماقچى
تارىختىكى بۈگۈن: 19- فېۋرال
ئۆتكەن ئەسىردىكى مودا يانفۇنلار
2015-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تارىختىكى بۈگۈن: 15- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 14- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 13- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 12- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 11- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن:10-فېۋرال