ئاپتوموبىل ئائىلىسى 5-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : پورۇسچىنىڭ داڭلىق ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش مۇتەخەسىسى رۇف (RUF ) بۇ نۆۋەتلىك جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە بىر دانە ئالاھىدە نۇسخىدىكى CTR 3 نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ نامى «CTR 3 Hippie».
رۇفنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ ئالاھىدە ئاپتوموبىل پاسونى پورۇسچىنىڭ ئايىھىلەش ئۇستىسى Richard Soderberg نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ياساپ چىقىلغان، ئۇنىڭ ئەڭ ئالاھىدە يېرى شۇكى گەۋدىسىگە خاسلاشتۇرۇلغان گۈلچەمبىرەك چۈشۈرۈلگەن، «Hippie» دېگەن ناممۇ شۇنىڭدىن كەلگەن. گەۋدە گۈلچەمبىرىكىدىن سىرت يەنە كاربون تالالىق گەۋدە زاپچاسلىرى قوشۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئالدى لەۋ، ئارقى دىففۇزور شۇنداقلا ئارقى ھاۋا بۆلۈش تاختىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تاشقى كۆرۈنىشىدىن باشقا، ئاپتوموبىلنىڭ ئىچى چوڭ كۆلەمدە كاربون تالالىق ماتېرىيال بىلەن زىننەتلەنگەن، مەسىلەن پرىبور دېسكىسى، دەسسىگۈچى، قول تورمۇز دەستىسى قاتارلىق قىسىملىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەسلىدە ئىنتايىن ئادەتتىكىچە بولغان ئىچكى بېزىلىشى بىراقلا قويۇق تەنھەركەت پۇرىقىغا ئىگە بولغان.
ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچ سېستىمىسى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا 3.8 لتېرلىق پىرقىرىغۇچلۇق ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇۋۋىتى 777 ئات كۈچى، ماكسىمۇم تولغۇنۇش مومېنتى 980 ن.م ، يەتتە خوتلۇق قوش ئايرىغۇچلۇق سۈرئەت كۇرۇپكىسى ياكى ئالتە خوتلۇق مېخانىك سۈرئەت ئۆزگەرتىش كۇرۇپكىسى ماسلاشتۇرۇلغان، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 380 كىلومېتىر بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بەيگە ئاپتوموبىللىرىنى ئېشىپ چۈشكىدەك ئەمىلىي كۈچكە ئىگىكەن.
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
ئىنفىنىت GranTurismo ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
ئەينى يىللاردىكى «كاناي ئىشتان» مودا ئېقىمى بۇ يىل قايتىلانماقچى
تارىختىكى بۈگۈن: 19- فېۋرال
ئۆتكەن ئەسىردىكى مودا يانفۇنلار
2015-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تارىختىكى بۈگۈن: 15- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 14- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 13- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 12- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 11- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن:10-فېۋرال