سۇمرۇغ ئاپتوموبىل خەۋىرى يېقىندا، ئېچىلغان 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، فورد رەسمىي تۈردە يېڭى فوكىس RS نى ئېلان قىلدى. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ شەكلى تېخىمۇ جانلىق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەن.
يېڭى بىر ئەۋلاد فوكىس RS ئەڭ يېڭى ئائىلىۋىي شەكىلدىكى ئالتە قىرلىق ھاۋا كىرىش ئېغىزى لايىھەسىنى قوللانغان، ئىچكى قىسمى قار رەڭلىك تورسىمان رىشاتكا لايىھەسىنى قوللانغان بولۇپ ئىقتىدار تۇيغۇسىغا باي. ئالدى بىخەتەرلىك رىشاتكىسى كۈچ تۇيغۇسىغا ئىگە، ئىككى تەرەپتىكى LED كۈندۈزدە يول يۈرۈش چىرىغى قارا رەڭلىك سوۋۇتۇش ئېغىزىغا ماسلىشىپ يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزىنى قارىماققا تېخىمۇ جانلىق قىلغان. بىراق بۇندىن بۇرۇنقى ئۈنۈم رەسىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ئاپتوموبىل ماتۇر ياپقۇچقا سوۋۇتۇش ئېغىزى ئورناتمىغان. ئۇنىڭدىن سىرت، يېڭى بىر ئەۋلاد فوكىس RS نىڭ قۇيرۇق قىسمىغا چوڭ ئۆلچەملىك ھاۋا سۈمۈرۈش تاختىسى قوشۇلغان، قوش تەرەپتىن جەمئىي ئىككى قۇيرۇق گاز تۇربىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ھەرىكەتچان شەكىلدىكى ئاليۇمىن بىرىكمە مېتاللىق كۆپ لىمىتلىق كۇدا سەپلەنگەن بولۇپ، ھەممىسى يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ قالتىس ئىقتىدارىنى ئىپادىلىگەن.
يېڭى بىر ئەۋلاد فورد فوكىس RS گە ئۆلچىمى 235/35 R19 بولغان Pilot Super Sport يۇقىرى ئىقتىدارلىق بالون سەپلەنگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، ئىستىمالچىلار يەنە تېخىمۇ ئىتتىك ھەيدەشكە مايىل ئۆلچىمى 235/35 R19 بولغان Pilot Sport Cup 2 بالوننى تاللاپ سەپلىسە بولىدۇ.
ئىچكى زىننەتلىشى جەھەتتىن، يېڭى فوكىس RS نىڭ لايىھە ئۇسلۇبى بىلەن يېڭى نۇسخا فوكىس ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىراق يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل نۇسخىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن RS ئاپتوموبىلغا خاس ئۈچ لىمىتلىق كۆپ ئىقتىدارلىق ھەرىكەتچان رول سەپلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زەمبىرەك ئوقى شەكىلدىكى پرىبورلار دىسكىسى قوشۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەپلەنگەن سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران ئاپتوموبىلنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ مەركىزىي كونتىرول سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە ئۈچ ئۇلانما جەدۋەل كۆرسەتمە ئېكرانى سەپلەنگەن بولۇپ، شوپۇر ھەر ۋاقىت ئاپتوموبىلنىڭ ئىقتىدارىنى نازارەت قىلسا بولىدۇ، كاربون تالالىق ماتېرىيالدا يۇغىرىلغان كاربون تالالىق ماتېرىيال سۇپىسى بولسا ھەرىكەتچان قايناق ھېسسىياتقا ئىگە. يېڭى بىر ئەۋلاد فوكىس RS غا يەنە ھەرىكەتچان ئورۇندۇق سەپلەنگەن، ئۇنىڭدىن سىرت، ئىستىمالچىلار يەنە ھاجىتىگە ئاساسەن يېڭى ئاپتوموبىل يەنە Recaro چىلەك شەكىللىك خاس مۇسابىقە ئورۇندۇقىنى تاللاپ سەپلىسە بولىدۇ.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتىن، فورد يېڭى فوكىس RS غا 2.3 لېتىرلىق EcoBoost تۆت كۇپلۇق پىرقىرغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتۇر سەپلەنگەن، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 320 ئات كۈچىدىن ئاشىدۇ. ئايلانما كۈچ سېستىمىسى جەھەتتىن، بۇ ماتۇر بىلەن ماسلاشتۇرۇلغىنى ئالتە سۈرئەتلىك قولدا ئۆزگەرتىدىغان سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى. ئۇنىڭدىن سىرت ئالاقىدار تەرەپنىڭ ئاشكارلىشىچە، يېڭى بىر ئەۋلاد فوكىس RS غا تۆت چاقتا قوزغىلىش سېستىمىسى بىلەن ھەرىكەتچان تولغىنىش مومىنتىنى تەقسىملەش سېستىمىسى سەپلەنگەن.