سۇمرۇغ ئاپتوموبىل خەۋىرى يېقىندا، مىكلارىن تەرەپ تۇغى ئاستىدىكى يېڭى ئاددىي دەرىجىدىكى Sports Series ئاپتوموبىلنىڭ يېڭى ئالدىن چىققان رەسىمىنى ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئاز دېگەندە تۆت نۇسخىسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەلۇم بولىشىچە، يېڭى ئاپتوموبىل تۇنجى بولۇپ كېلەركى ئايدا ئېچىلىدىغان نيويورك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە چىقماقچى ئىكەن.
نيويورك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، مىكلارىنمۇ يېڭى ئاددىي دەرىجىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارلىغان، گەرچە بەك كۆپ تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئىچكى خادىملارنىڭ ئاشكارلىشىچە، مىكلارىننىڭ يېڭى ئاددىي دەرىجىدىكى ئاپتوموبىلى Sports Series ئوخشاشلا تاق شەكىلدىكى كاربون تالالىق ئورۇنغا ئىگە بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن سىرت يېڭى ئاپتوموبىل بەلكىم كىپىنەك ئىشىكىنى قوللىنىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇنىڭدىن قارىغاندا يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ 650S بىلەن ئازراق ئوخشاشلىقى باردەك قىلىدۇ.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، يېڭى Sports Series نىڭغا 3.8 لېتىرلىق قوش پىرقىرغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى V8 ماتۇر سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 500 ئات كۈچىدىن ئاشىدۇ، مەلۇم بولىشىچە، سائىتىگە 96 كىلومېتىرغا چىقىشى ئۈچۈن ئاز دېگەندە تۆت سىكۇنت كېتىدىكەن، ئەڭ تېز سۈرئىتى سائىتىگە 290 كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن.
مەلۇم بولىشىچە، يېڭى مىكلارىن Sports Series ئاز دېگەندە Coupe ،Spider ،more hardcore coupe ۋە a grand tourer نىڭدىن ئىبارەت تۆت نۇسخىلىق ئاپتوموبىلنى ئىستىمالچىلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن تەمىنلەيدىكەن. سېتىلىش باھاسى جەھەتتىن، مۆلچەرچە يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش باھاسى 180 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولىدىكەن، مىكلارىن تەرەپ يەنە، مىكلارىن Sports Series نىڭ 2016-يىلى 2000 دانە سېتىلىش نىشانىنى تاماملايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
ئىنفىنىت GranTurismo ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
ئەينى يىللاردىكى «كاناي ئىشتان» مودا ئېقىمى بۇ يىل قايتىلانماقچى
تارىختىكى بۈگۈن: 19- فېۋرال
ئۆتكەن ئەسىردىكى مودا يانفۇنلار
2015-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تارىختىكى بۈگۈن: 15- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 14- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 13- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 12- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن: 11- فېۋرال
تارىختىكى بۈگۈن:10-فېۋرال