ئاپتوموبىل ئائىلىسى 6-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى : بۇ نۆۋەتلىك جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە، Mansory G 63 Sahara Edition ناملىق ئۆزگەرتىلگەن ئاپتوموبىل تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. ئۇنىڭ نامىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ گېرمانىيىنىڭ ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى Mansory بېنىز G 63 AMG ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغان ئاپتوموبىلى، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ قۇملۇق ۋە رەڭلىك نىقاب ئامىللىرى كۈچلۈككەن.
ئاپتوموبىلنىڭ پۈتكۈل گەۋدىسى سەھرايى كەبىر قۇملۇقى ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رەڭلىك نىقاب بىلەن بېزەك قىلىنغان، G 63 AMG نىڭ ئەسلىدىكى ھەيۋەت تاشقى كۆرۈنۈشى قوشۇلۇپ، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ قەيسەر خارەكتىرىنى نامايەن قىلغان. گەۋدىسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا كاربون تالالىق ماتىرىيال قوللىنلغان، ماتور قاپقىغىغا ھاۋا كىرىش تۆشۈكى قويۇلغان ھەمدە ئالدى ئارقى بىخەتەرلىك قاپقىغى ئىلغارلاشتۇرۇلغان.
بۇ ئاپتوموبىلغا ئەڭ يېڭى پاسوندىكى چوڭ چىراق لايىھىسى قوللىنىلغان ھەمدە ئالتە تال يېشىل رەڭلىك LED نۇر مەنبەسى قوشۇلغان، كۈندۈزلۈك چىرىقى ئالتە كىچىك سۈزۈك ئەينەكتىن تەشكىل تاپقان، گەۋدىسىگە يەنە تۆت چوڭ يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئالدىنى يورۇتۇش چىرىقى سەپلەنگەن.
22 ديۇملۇق 10 شادىلىق بۇل بۇ ئاپتوموبىلنىڭ خىسلىتىگە ئىنتايىن ماس كەلگەن بولۇپ، ئىخچام ئەمما ئاددىي ئەمەس. 305mm كەڭلىكتىكى بالۇنى توشيولدا يول يۈرگەندىكى يۇقىرى مۇقىملىقى ۋە يەرگە چاپلىشىش كۈچىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ، ئەمما 305 لىك بالۇنىنىڭ يايپاڭلىق نىسبىتى بۇ ئاپتوموبىلنىڭ راھەتلىكى ۋە قىسمەن دالا ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلغان.
بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچى سۇس رەڭنى ئاساس قىلغان، مەركىزى كونترول سۇپىسى، رولى ھەتتا خوت دەستىسىمۇ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئوخشاش بولغان نىقاب رەڭ بىلەن بېزەلگەن، بۇندىن باشقا ئاپتوموبىل ئىچىدە نۇرغۇن بۈركۈت قانىتى شەكىللىك Mansory ئامىلى لايىھىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچ سېستىمىسى جەھەتتە، Mansory مۇ ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش ئۇستىلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسى، 5.5 لتېرلىق بۇ قوش پىرقىرىغۇچلۇق V8 ماتورىنى 828 ئات كۈچىلىك ئەڭ چوڭ قۇۋۋەتكە ۋە 1000 ن.م لىق ماكسىموم تولغىنىش مومېنتىغا ئىگە قىلغان، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ شۇنداق قۇددەتلىك چىقىرىش قۇۋىتىگە ئېرىشىشى بۇ ئاپتوموبىلغا كۆپ مىقداردا تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئامىللرىنىڭ قوشۇلغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.