ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
جۇڭگۇ ئاخبارات تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى تېلگىراممىسى: روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گىرىتسىيە دىپلۇماتىيە مىنىستىرلىكى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، گىرىتسىيەنىڭ بۇ ھەپتىدە سۈرىيە باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئېيتقان.
گىرتسىيە دىپلۇماتىيە مىنىستىرلىكى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، " دىپلۇماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ۋاشىرىس كاسكارىلىس سۈرىيەنىڭ ئافىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ ئۇنىڭ ھەمدە ئىككى نەپەر دىپلۇماتىيە ئەمەلدارىنىڭ گىرىتسىيەدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بىز سۈرىيە ئۇرۇشىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرسىدا ئاخىرىدا ئەقىل-ئىدراكنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەنلىشىنى، بىزنىڭ دوستانە دۆلىتىمىزنىڭ تىنىچلىققا قايتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز." دېدى.
گىرتسىيە دىپلۇماتىيە مىنىستىرلىكى سۈرىيەنىڭ ئافىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىخانىسى ۋە 7-ئايدىلا تاقالغان گىرتسىيەنىڭ دەمەشىقتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمىتىنىڭ تىزرەك ئەسلىگە كىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇندىن ئىلگىرى، ئەنگىلىيە، گىرمانىيە، ياپونىيە، ئىسپانىيە، تۈركىيە، ماراكەش ۋە كانادا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر سۈرىيەنىڭ دىپلۇماتىيە ئەمەلدارلىرىنى بۇ دۆلەتلەردىن قوغلاپ چىقارغان.