ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
خەلىقئارا لىنىيەسىنىڭ خەۋىرى: توي قىلىش بولسا كىشىلىك ھاياتتىكى چوڭ ئىش، ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى تىزرەك توي قىلىپ كۆڭۈللۈك نىكاھ تۇرمۇشىدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئويلايدۇ. لېكىن ئافغانسىتاندا بولسا توي خىراجىتى يۇقىرى بولغاچقا نۇرغۇن ياشلار ئىلاجىسىز ئۆزلىرىنىڭ تويلىرىنى كىچىكتۈرگەن.
كابۇللىق بىر ياش ئۆزىنىڭ 4 ئاي ئىلگىرىكى تويىغا جەمئىي 7000 دوللار خەجلىگەنلىكىنى، ئۆزىدە بولسا ئارانلا 2000 دوللارنىڭ بارلىقىنى، قالغان 5000 دوللارنى باشقىلاردىن قەرىز ئالغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىستاتسىتكىغا ئاساسلانغاندا، ئافغانسىتاندىكى ئاددىي دۆلەت مەمۇرىي خادىمى ئائىلىسىنىڭ بىر ئايلىق كىرىمى پەقەتلا 200 ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. پۇل تىجەش ئۈچۈن بىر قسىم ياشلار ئۆيىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى تاللىغان، لېكىن ئۇلار يەنىلا مۇزىكا ئەتىرىتىنى نۇمۇر ئۇرۇنداپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىش، ئاشپەز تەكلىپ قىلىش ياكى باشقا خىراجەتلەر ئۈچۈن ئاز دىگەندىمۇ 3000 ئامېرىكا دوللىرى سەرىپ قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يىگىتنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئادەتتە يەنە كىلىنچەك ئۈچۈن 2000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق تويلۇق بېرىدىكەن. بۇنچە يۇقىرى توي خىراجىتى داۋاملىقلا نۇرغۇن توي قىلغان يىگىتلەرنىڭ ئائىلىلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئافغانسىتاندىكى ياشلار توينى كىچىكتۈرۈپ كۆپرەك پۇل يىغمىسا باشقىلاردىن قەرىز ئېلىپ توي قىلدىكەن، شۇنىڭ بىلەن تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىكەن.