ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
ئىكۋاتور ئالىي سوت مەھكىمىسى 12-چىسلا ھازىر ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق سابىق زۇڭتۇڭ Jorge Jamil Mahuad Witt قا قارىتا خەلىقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.
سوتچى شىمىنا بىندىمىلا Jorge Jamil Mahuad Witt نى ئۇمۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش جىنايىتىنى ئەيىبلەشنى يوللۇق دەپ قاراپ خەلىقئارا جىنايى ئىشلار تەشكىلاتىدىن سابىق زۇڭتۇڭنى تۇتۇش ياردەمىنى تەلەپ قىلدى.
بىندىمىلا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە Jorge Jamil Mahuad Witt نىڭ ئىكۋاتۇردىكى بارلىق مال-مۆلىكىنى مۇسادىر قىلىش ھۆكۈمىنى چىقاردى.
Jorge Jamil Mahuad Witt بولسا 1949-يىلى ئىكۋاتۇردا تۇغۇلغان بۇلۇپ 2000-يىلى 1-ئايدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە زۇڭتۇڭلۇقتىن چۈشكەن، سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بىرىش سەۋەبى بولسا بىر قسىم ئىكۋاتۇرلۇقلار نامراتلىق ۋە چەتكە قېقىلىشتەك ئىجتىمائىي ھالەتتىن نارازى بولغانلىقتىن كىلىپ چىققان ئىكەن.
سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كىيىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقانلار كەڭ كۆلەمدە چىرىكلەشكەنتىن ئالدىنقى ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەمدە بانكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى قولغا ئېلىنغان.
Jorge Jamil Mahuad Witt نىڭ ئۇمۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلەتكەن دەپ ئەيىبلىنىشى ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بانكا ئامانىتىنى توڭلىتىش قارارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
زۇڭتۇڭلۇق سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغاندىن كىيىن Jorge Jamil Mahuad Witt ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەن ھەمدە ئىكۋاتۇرغا قايتمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.