ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

10- ئاينىڭ 24- كۈنى، Wireless Intelligenceناملىق كەسىپ تەكشۈرۈش شىركىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ھېلىھەم دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېلېگراف شىركىتى بولۇپ، شىركەتنىڭ ئابونتى 683 مىليون 80 مىڭغا يېتىپ، 2- ئورۇندا تۇرىدىغان ۋودافون شىركىتىدىن خېلىلا كۆپ بولغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى تۇنجى قېتىم بۇ رەت تەرتىپكە كىرىپ 10- ئورۇندا تۇرغان. 2012- يىلى 2- پەسىلدە، جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھىنىڭ ئابونتلىرىنىڭ سانى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %33 ئېشىپ، مەزكۇر دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان بارلىق شىركەتلەر ئىچىدە ئېشىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان، جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھىنىڭ ئابونتلىرىنىڭ سانى 144 مىليون 180 مىڭغا يەتكەن.