ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:توردا كىنو-فىلىم قويۇش بازىرىنى بىرلىكتە كۆلەملەشتۈرۈپ، ئوغرىلىقچە نەشىر قىلدۇرۇش قىلمىشىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو ئېلېكترون سودا ئىشلىرىدىكى باشلامچى كارخانا تاۋباۋ تورى رەسمىي ئامېرىكا كىنو-فىلىم جەمئىيىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان. جۇڭگودىكى eBay __ تاۋباۋ تورىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ جۇڭگودىكى ئادەتتىكى ئىستېمالچىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭدىن بىر مەزگىل بۇرۇن، تاۋباۋنىڭ نەشىر ھوقۇقى مەزمۇنىغا قارىتا كەڭچىلىك بىلەن باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىشى، جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم تەنقىدلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.
شۇڭا، تاۋباۋنىڭ ئامېرىكا كىنو-فىلىم جەمئىيىتى بىلەن ئىمزالىغان بۇ يېڭى كېلىشىمى، تاۋباۋنىڭ جۇڭگو خەلقئارا سەھنىدە ئالغان مۇھىم بىر قەدىمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. تاۋباۋ تورى، كەڭ نەشىر مەھسۇلاتلىرى تىجارەتچىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك «نەشىر ھوقۇقى مەزمۇنى ئىجازەتنامىسى» نى ئاكتىپلىق بىلەن كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بىر قىسىم قانۇنسىز تىجارەتچىلەرنىڭ چەكتىن ئاشقان قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئېنىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تاۋباۋ تورى قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن تاۋباۋ توردىكى ساختىلىق ۋە ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش ئىشلىرىنى تازىلاشقا تەييارلانغان.
ئەلى بابا مۇئاۋىن باش درېكتورى جون.سپېلچ:«بىلىم- مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشتا، تاۋباۋ ياخشى بىر ئۈلگە تۇرغۇزدى، بىزنىڭ نەشىر ھوقۇقى مەزمۇنىنى قوغداش سىستېمىمىز، بىلىم - مۈلۈك ھوقۇقدارلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئاساسىدا ئۆز ھوقۇق- مەنپىئەتىنى قوغدىشى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. بىزنىڭ بۇ سىستېمىلىرىمىزنىڭ لايىھەسى دۇنيادىكى باشقا ئىلغار ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى سىستېمىلىرى بىلەن بىردەك» دەپ بىلدۈرگەن.