ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:گەرچە iPhone 5 تېخى بازارغا سېلىنمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ئەتراپ زاپچاسلىرى ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇشقا باشلىدى ، ئىلگىرى ئاشكارلانغان كۆپ خىل قوغداش قېپىدىن سىرت بۈگۈن يەنە بىر نۇسخاiPhone 5 نى قوللايدىغان كۆچمە توك مەنبەسى مەيدانغا كەلدى .
بۇنىڭدىن ئىلگىرى پەن-تېخنىكا تور بىكىتىBGR نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئالما يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone غا چوڭ-كىچىكلىكى تېخىمۇ كىچىك بولغان 9 يىڭنىلىك Dcok ئۇلىغۇچ سەپلىنىدىكەن ، بۇنداق لاھىيەدەiPhone 5 كە توك قاچىلاش (سانلىق مەلۇمات) چېتىش ئېغىزىنى ئوڭ ھەم تەتۈر چېتىپ ئىشلەتسە بولىۋىرىدىكەن ، شۇڭا تەتۈر چېتىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان چېتىش ئېغىزىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىكەن.
ئالمىنىڭ 9 يىڭنىلىكDcok ئۇلىغۇچىدىن ئېبارەت لاھىيە ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ، ئىسمى DEBOCH بولغان خۇسۇسىلار ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇت ۋە ماگزىن دۇنيادىكى تۇنجى نۇسخاiPhone 5 ئۇلاش ئېغىزى بىلەن ئۇنۋىرسال ئىشلەتكىلى بولىدىغان كۆچمە توك مەنبەسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان .
توك قاچىلاش چېتىش ئېغىزى ئوخشاش بولمىغاندىن سىرت ،بۇ تىپتىك مەھسۇلاتنى بازاردىكى باشقا كۆچمە توك مەنبەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئچكى قىسمىغا كىسلاتالىق تۆمۈر-لىتېي(LIFEPO4) ئۈزەك قوللانغان ئىكەن ، دەۋرىي توك قاچىلاش قېتىم سانى 2000 قېتىم بولۇپ ، ئىشلىتىلىش ئۆمرى ئادەتتىكى لىتىيلىق باتارىيەگە قارىغاندا 4 ھەسسە ئۇزۇن ئىكەن .
ئۈزلۈكسىز ئىشلىتىلىش جەھەتتە ، بۇ تىپتىكى كۆچمە توك مەنبەسىگە 3500mAh لىق باتارىيە سەپلەنگەن بولۇپ ،iPhone 5 كە ئىككى قېتىم توك قاچىلاشقا تولۇق يېتىدىكەن .
باھا جەھەتتە ، DEBOCH ھازىرغىچە بۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنى ئاشكارلىمىغان.


