ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:روگور
iPhone5يانفونى بولسا بىر قەدەر بالدۇر بازارغا سېلىنغان
iPhone5گە يۇقىرى دەرىجىدە ئوخشىتىلىپ ياسالغان يانفون بولۇپ، تاشقى كۆرۈنۈشىدىن تارتىپ سىستېمىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىگىچە بولغان ھەرقايسى جەھەتلەردە ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىدە ھەقىقىي
iPhone5يانفونىغا ئوخشىتىلىپ ياسالغان. بازاردىكى ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىغاندا، سېتىلىش باھاسى بەلكىم مىڭ يۈەن ئەتراپىدىلا بولىدىكەن. روگور
iPhone5يانفونى قاتتىق دېتال جەھەتتە 1
GHz A9بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە 512
MB RAMئىشلىتىلگەن، كامېرا جەھەتتىمۇ 8 مىليون پىكسېل ساقلانغان بولۇپ، بۇ يانفون تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە ھەقىقىي
iPhone5بىلەن %95 ئوخشاشلىقنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر قەدەر چۈشىنىشلىك بولغان ئىشلىتىپ ھېس قىلىش تەرتىپىنى ئۆز ئەينى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلگەن.















