ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

ۋاڭيى تورى پەن- تېخنىكا قانىلىنىڭ ئۇچۇرى: 10- ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى ئۇچۇر: چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە، فرانسىيە سوت ئەمەلدارلىرى يېقىندا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ Galaxy Tabتۈز ئېكرانلىق كومپيۇتېرى ئالما شىركىتىنىڭ ئايپەد تۈز ئېكرانلىق كومپيۇتېرىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى قىلمىغان دەپ كېسىم ئېلان قىلىپ، ئالما شىركىتى سامسۇڭ شىركىتىدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەك، دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئايپەدكە تەقلىد قىلىمىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

ئىگىلىنىشچە، ئەنگلىيە، فرانسىيە سوت ئەمەلدارلىرى ئالما شىركىتىدىن تور پونكىتى ۋە گېزىت قاتارلىق ئاشكارا تاراتقۇلاردا سامسۇڭدىن كەچۈرۈم سوراش خېتى ئېلان قىلىش، ھەمدە خەت شەكلىنىڭ Arial 14كىچىك بولماسلىقنى تەلەپ قىلدى.
ئىگىلىنىشچە، ئەنگلىيە، فرانسىيە سوت ئەمەلدارلىرى بۇ يىل 7- ئايدا ھوقۇققا دەخلى يەتكۈزۈش دېلوسىغا دەسلەپكى كېسىم ئېلان قىلىپ، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ تۈز ئېكرانلىق كومپيۇتېرى ئالما شىركىتىنىڭ تۈز ئېكرانلىق كومپيۇتېرىدەك «مودا» ئەمەس دېگەنىدى.
گەرچە سامسۇڭ ئەنگلىيەدە ئالما بىلەن بولغان پاتېنت ھوقۇقى كۈرىشىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل يازدا سامسۇڭ ئامېرىكىدا ئالما بىلەن بولغان پاتېنت ھوقۇقى ئەرزىدە ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى تۆلىمى بېرىشكە بۇيرۇلدى. نۆۋەتتە سامسۇڭ شىركىتى نازارىلىق ئەرزى سۇنۇش ئارقىلىق ھۆكۈمنى ئاغدۇرۇۋېتىشكە تىرىشماقتا. بۇ ئىككى شىركەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقى كۈرىشى 10 نەچچە دۆلەتتە كەينى- كەينىدىن يۈز بەردى.