ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

ئالما شىركىتى چىقارغان 4- ئەۋلاد iPadۋە iPad miniتىپلىق تەكشى تاختىلىق كومپيۇتېر، سۈرەت نەق مەيداندىن تارتىلغان.
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24- ئۆكتەبىردىكى تېلېگراممىسى: ئالما شىركىتى بۈگۈن سەھەردە ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، رەسمىي يوسۇندا 4- ئەۋلاد iPadۋە iPad miniتىپلىق تەكشى تاختىلىق كومپيۇتېرنى ئېلان قىلدى.

4- ئەۋلاد iPadتىپلىق تەكشى تاختىلىق كومپيۇتېرغا ئالمىنىڭ A6Xبىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئەۋلاد مەھسۇلاتقا سېلىشتۇرغاندا ئىقتىدارى بىر ھەسسە ئاشقان، 3Gنۇسخىسى LTEتورىنى قوللايدۇ، Lightingچاتقۇچى ئىشلىتىلگەن، ئېنىقلىقى يۇقىرى بولغان FaceTimeسىنلىق سۆزلىشىشنى قوللايدۇ، كامىراسىنىڭ پىسكېلى 720Pغا يەتكەن، باتارىيەسىنى ئۇدا 10 سائەت ئىشلەتكىلى بولىدۇ، دېسكا سېغىمى 16GBبولغان WiFiنۇسخىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىلىش باھاسى 499 ئامېرىكا دوللىرى، دېسكا سېغىمى 16GBبولغانLTEنۇسخىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىلىش باھاسى 629 ئامېرىكا دوللىرى.

iPad miniتىپلىق تەكشى تاختىلىق كومپيۇتېرغا چوڭلۇقى 7.9 فۇت كېلىدىغان ئېكران سەپلەنگەن، قېلىنلىقى 7.2 مىللىمېتىر، ئېغىرلىقى 300 گرام بولۇپ، ئالدىنقى ئەۋلادقا سېلىشتۇرغاندا %53 يېنىك؛ ئېكراننىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 1024×768بولۇپ، 2- ئەۋلاد iPadبىلەن ئوخشاش؛ ئالمىنىڭ A5قوش ئۈزەكلىك مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن؛ LTEۋە FaceTime HDتىپلىق كامىرانى قوللايدۇ؛ كامىرانىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 500 پىسكال؛ بۇنىڭغىمۇ ئوخشاشلا ئالمىنىڭ ئەڭ يېڭى Lightingچاتقۇچى ئىشلىتىلگەن. دېسكا سېغىمى 16GBبولغان WiFiنۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 329 ئامېرىكا دوللىرى.
ئالما شىركىتى بۇنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 10- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن باشلاپ iPad miniتىپلىق تەكشى تاختىلىق كومپيۇتېرغا زاكاز قوبۇل قىلىشنى باشلايدۇ، ھەمدە 11- ئاينىڭ 2- كۈنى رەسمىي مال تارقىتىدۇ؛ تۇنجى تۈركۈم بازارغا سېلىنىدىغان 34 دۆلەت ۋە رايونلاردىن ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، جۇڭگو شياڭگاڭ قاتارلىق جايلار بار. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى تۇنجى تۈركۈمدە بازارغا سېلىنىدىغان دۆلەت ۋە رايونلار قاتارىدا ئەمەس.