ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
ئىلاۋە:ئالدىمىزدىكى يەتتە كۈندە،يەر شارىدىكى ئۈچ چوڭ پەن-تېخنىكا سەردارى بولغان ئالما،گوگۇل ۋە مىكروسوفت بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ كاتتا مەھسۇلات ‹زىياپىتى›نى تەقدىم ئەتكۈسى.بۇنىڭ ئىچىدە ھەم ئاللىقاچان مۇقىملىنىپ بولغان يېڭى مەھسۇلاتلارمۇ،ھەم ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان مەھسۇلارمۇ بار.
تېڭشۈن سىفىر تورى خەۋىرى:نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ‹سودا دۇنياسى گويا جەڭگاھقا ئوخشايدۇ:دېيىشىدۇ،ئۇنداقتا ئالتۇن پەسىل بولسا سودا دۇنياسىنىڭ ھەر يىلدىكى مۇتلەق سەر خىل نومۇرى ھېسابلىنىدۇ.29-ئاۋغۇست سامسۇڭ شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى GALAXY Note II نىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ،بۇ بىر مەيدان ئويۇن ئاستا-ئاستا باشلاندى.بىر ئاي ئىچىدە،سامسۇڭ،نوكيا،ئالما،HTC قاتارلىق تۆت چوڭ يانفون سودىگىرى 2012-يىللىق ئېغىر دەرىجىلىك يانفونلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدى.ئارلىقتا يەنە ياماسۈن،موتۇرولا شىركەتلىرىنىڭمۇ يېڭى مەھسۇلاتلىرى ياندىشىپ مەيدانغا كەلدى.سىز بۇ بىر مەيدان سودا جېڭىنىڭ ھوللىۋودنىڭ ئۇلۇغ ئەسەرلىرىدىن كەم قالمايدىغانلىقىنى ئىقرار قىلماي تۇرالمايسىز.سامسۇڭ،ئالما شىركەتلىرى باشلامچىلقىدىكى ئاممىباپ تېخنىكا شىركەتلىرى ،بۇ ئويۇننىڭ ياخشى بېشىنى باشلاپ بەردى.

ئۆكتەبىرنىڭ ئاۋۋالقى يېرىمىدىكى جىمجىتلىقتىن كېيىن،ئەسلىدە مۇشۇنداقلا ئاخىرلىشىدۇ دەپ قارالغان بۇ ئويۇننىڭ ئالدىمىزدىكى يەتتە كۈنىدە يەر شارىدىكى ئۈچ چوڭ تېخنىكا سەركىسى بولغان ئالما،گوگۇل،مىكروسوفت شىركىتى بىرلىكتە بىزگە ئۆزلىرىنىڭ كاتتا مەھسۇلات ‹زىياپىتى›نى تەقدىم ئەتكۈسى .بۇنىڭ ئىچىدە ھەم ئاللىقاچان مۇقىملىنىپ بولغان يېڭى مەھسۇلاتلارمۇ،ھەم ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان مەھسۇلارمۇ بار.
ئالما شىركىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدىكى قىياس - iPad mini
ئامېرىكا غەربىي قىسىم ۋاقتى 23-ئۆكتەبىر،ئالما شىركىتى سان جوئىس شەھىرىنىڭ كالىفورنىيە تىياتىرخانىسىدا بىر مەيدان يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.بۇ 2055-يىلى ئالما شىركىتى iPod قويغۇچىسىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان،شۇ شەھەردە يەنە مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.بۇ قېتىمقى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ باش پېرسوناژى بولسا 7.85 سۇڭ ئېكرانلىق iPad mini .

ئالما شىركىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدىكى قىياس -13سۇڭلۇق retina نۇسخسىدىكى Macbook pro& نىڭ يېڭى نۇسخىسى iMac
iPad mini دىن باشقا،13سۇڭلۇق retina ئېكران سەپلەنگەن Macbook pro ئەتە ئەتىگەنكى ئاىبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى.ئىيۇندا ئالما شىركىتى WWDC دا 15سۇڭلۇق retina ئېكرانلىق MBP نى بازارغا سالغانىدى،لېكىن ئەينى چاغدا بۇ خاتىرە كومپىيوتېرنىڭ باھاسى ھەددىدىن زىيادە قىممەت بولۇپ كەتكەنلىكتىن،ئىستىمالچىلاردىن يىراقتا قالغانىدى.ئەمما ئالما شىركىتى بۇ قېتىم بازارغا سالغان 13سۇڭلۇق MBP باھانى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە،خاتىرە كومپىيوتېر سەپلەنمىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
مىكروسوفت شىركىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدىكى قىياس -Windows 8
مىكروسوفت شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كومپىيوتېر سېستىما يۇمشاق دىتال تەمىنلەش سودىگىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن،25-ئۆكتەبىر نىيۇيوركتا يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچماقچى،بۇ قېتىمقى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ باش پېرسوناژى بولسا يېڭى ئەۋلاد كۆزنەك مەشغۇلات سېستىمىسى - Windows 8 .

مىكروسوفت شىركىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدىكى قىياس -Windows Phone 8
ئامېرىكا ۋاقتى 29-ئۆكتەبىر،مىكروسوفت شىركىتى سان فىرانسىىكودا Windows Phone 8ئاخبارات ئېلان قىلىش ئۆتكۈزمەكچى،21-ئىيۇندىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى،29-ئۆكتەبىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن Windows Phone 8 رەسمىي دۇنياغا كېلىدۇ.

گوگۇل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدىكى قىياس-Android 4.2
گوگۇل شىركىتى ھەر قېتىملىق Android ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىر پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان Android سېستىمىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،بۇ بىر قانچە يىلدىمۇ ھەم شۇنداق.گوگۇل شىركىتى گەرچە 29-ئۆكتەبىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ھېچنىمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ،پەرەزلەرگە ئاساسلىنىپ گوگۇل شىركىتىنىڭ يەنە بىر پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان Android مەشغۇلات سېستىمىسىنى بىزگە تەقدىم ئېتىشىگە ئىشەنچىمىز كامىل.
گوگۇل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدىكى قىياس-Nexus 4
29 -ئۆكتەبىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ،گوگۇل شىركىتىنىڭ Nexus 4 نى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشى ناھايىتى ئېھتىمالغا يېقىن
.