ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسى 22-ئۆكتەبىر خەۋىرى:چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،گوگۇلنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى باشقا كەسپىلىرى چەكلىك بولسىمۇ،لېكىن كۆچمە تېلىگراف ئېلان كەسپى بىر يارقىن نۇقتا بوپ قالغان.گۇگۇل شىركىتى بۇنىڭدىن كېيىن بۇ كەسىپنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى پىلان قىلماقتا.گەرچە گوگۇلنىڭ ئىزدەش كەسپى جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدىن چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ،لېكىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ يانفون سېتىۋىلىشى ۋە يانفون ئارقىلىق تورغا چىقىشىغا ئەگىشىپ،كۆچمە تېلىگراف ئېلان كەسپىنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا تېز بولماقتا.
‹جۇڭگو گېزىتى›نىڭ دۈشەنبىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،گوگۇل جۇڭگو تارماق شىركىتى كۆچمە تېلىگراف ئېلان كەسپىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ،گوگۇلنىڭ كۆچمە تېلىگراف قوللىنىشچان پىروگراممىسى،تور بەت،كۆچمە تېلىگراف ئىزدەش نەتىجىسى قاتارلىق ۋاستىلەر ۋە توردىكى ۋېدىئو ئېلان مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشنى پىلانلاۋىتىپتۇ.گوگۇل شىركىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىشەنچىسى 2011-يىل 7-ئايدىن 2012-يىل 7-ئايغىچە گوگۇل مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدىغان جۇڭگو كۆچمە تېلىگراف ئېلان ئېھتىياجى % 120ئېشىشتىن ئىبارەت ھەقىقەتتىن كەلگەن.
گوگۇل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لارى(Larry Page)ئۆتكەن ھەپتىدىكى پەسىللىك مالىيە خەۋىرى تېلىفون يىغىنىدا ئاشكارىلىشىچە،گوگۇلنىڭ كۆچمە تېلىگراف ئېلان تاپاۋىتى 2011-يىل 3-پەسىلدىكى 25مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 2012-يىل 3-پەسىلدىكى 80 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيگەن.
