ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا فىلورىدا شتاتى مىئامى تاراتقۇلىرىنىڭ 10-ئۆكتەبىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىئامى دەيدى ئنىستىتوتىنىڭ بىر قۇرۇلۇش توختاتقان بىناسى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بىر ئىشچىنىڭ قازا قىلىشى ۋە يەتتە ئادەمنىڭ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مىئامى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى خىزمەتچىسىنىڭ دىيىشىچە، تۆت ئادەمنى دوختۇرخانىغا جىددى قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچ ئادەم نەق مەيداندا داۋالاشنى قوبۇل قىلغان. شۇ يەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە تەڭشىلىپ، پۈتۈ كۈچى بىلەن قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان. ئىككى نەپەر قاپسىلىپ قالغان ئادەم بىلەن ئۇلار تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلاشقان ۋە تېلىفۇننى ئۈزىۋەتمەي ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاسانلىق ئېلىپ كەلگەن. شۇ يەرلىك ساقچىلار ئىنىستىتوت ئىچىگە تارقىلىپ نەق مەيداننى كونترول قىلغان. بۇ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ماشىنا توختىتىش بىنا جەمئىي ئالتە قەۋەتلىك بولۇپ، باھاسى تەخمىنەن 2250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى . پىلانغا ئاساسەن، ماشىنا توختىتىش بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتى سىنىپ ۋە ئىشخانا ئۈچۈ ن ئىشلىتىلگەن. ئۈستىدىكى بەشىنچى قەۋەت ماشىنا توختىتىش مەيدانى قىلىنغان. ماشىنا توختىتىش بىناسىنىڭ قورۇلۇشىنى تەكشۈرۈش تەستىقلاش قاتارلىق خىزمەتلەر مەكتەپ تەرىپىدىن تۈگەپ بولغان. ماشىنا توختىتىش بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋاقىتتا بىنانىڭ پۈتۈشكە پەقەت ئىككى ئايلا قالغان ئىدى.
شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت باياناتچىسى خۇئەن.مېنشۇەنتانىڭ دىيىشىچە، ھۆكۈمەت تەرەپ پىلان بويىچە بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈشنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكچى بولغان.