ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو ئاخبارات تورى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، تەيۋەن«ئالما كۈندىلىك گېزىتى»مۇخبىرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جوۋ شىڭ يېقىندا تولىمۇ نەس باسقان بولۇپ، ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، بىر ئاينىڭ ئالدىدا تېخى ئالدىنقى قىز دوستى تەرىپىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىنىپ ھالى قالماي قالغان ئىدى، بىراق نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن قىزىقارلىق ئىشتىن يە كۈلۈشىنى يە يىغلىشىنى بىلەلمەي قالدى. بىر تورداش يالغاندىن مەلۇم تور بېتىدە« داڭلىق چولپان جوۋ شىڭ 10-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدىن 25مىنۇت ئۆتكەندە يۈرەك كېسىلى دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتتى.» دەپ خەۋەر تارقىتىۋەتكەن. بۇ تۇيۇقسىز تارقالغان خەۋەردىن نۇرغۇنلىغان تورداشلار چۆچۈپ كەتكەن بولۇپ بۇ ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلەلمەي يۈرگەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ خەۋەر پۈتۈنلەي يالغان بولۇپ، بۇ تور بېكىتى بۇ يالغان خەۋەرنى ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كېيىن كەڭ تورداشلارنىڭ بۇنداق يالغان خەۋەرلەرگە ئىشىنىپ قالايمىقان تارقاتماسلىقىنى ئەسكەرتكەن. چولپان جوۋ شىڭمۇ بۇ يالغان خەۋەرگە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي ساقمۇساق تۇرغان كىشىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بىكارلا قارغاپ ئۆلدىگە چىقىرىۋەتكەنلىكىدىن ئاغرىنغان.