ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:چولپانلارنىڭ نۇرغۇن-نۇرغۇن سىرلىرى ئاشكارە بولۇپ كەتتى، ئۇنداقتا ئىزچىل قىززىق نۇقتا تېمىسى بولۇپ كېلىۋاتقان چولپانلار ئارىسىدىكى قىسىم ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ كۆرۈپ باقايلى. بەلكىم بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ چولپانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىقىنى بىلمىگەن بولغىيتتىڭىز.

چىن كەيگې بىلەن چىن خېنىڭ مۇناسىۋىتى تاغا-جىيەنلىك مۇناسىۋىتى
«مۇھەببەت سارىيى3» 7-ئاينىڭ 30-كۈنى قويۇلۇشقا باشلىغاندىن بۇيان، كۆرۈلۈشى ئىزچىل ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ كەلدى، ھەتتا ياشلارنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىنغان كومىدىيىلىك فىلىمى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ فىلىمدە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى زىڭ شىياۋشىيەن ناھايىتى يۇمۇرىستىك بولۇپ، ئادەمنى كۈلدۈرۈپ ئۈچەيلىرىنى تولغاشتۇرۇپ قويىدىغان ھەرىكەتلىرىدىن سىرت، كىشىدە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغىنى فىلىم باشلىنىشىدا دەيدىغان «ياخشى ئەر دېگەن مانا مەن، مەن دېگەن زىڭ شىياۋشىيەن» دېگەن سۆزلىرى. ئەمما كۆپچىلىك بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىك شۇكى، «زىڭ شىياۋشىيەن» نىڭ تاغىسى داڭلىق رېژىسسور چىن كەيگې بولۇپ، چىن خېنىڭ بۇ فىلىمدىكى ئىپادىسىنىڭ بۇنداق ياخشى بولىشى بىلەن چىن كەيگې بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

فىڭ گۇڭ فىڭ شىنيۈننىڭ ئىنىسى
ئەگەر يېقىندا بلوگدا بىر پارچە رەسىم تارقىلىپ كەتمىگەن بولمىسا كۆپچىلىك بەلكىم فىڭ گۇڭنىڭ يەنە بىر ئاچىسىنى بارلىقىنى بايقىماسلىقى مۇمكىن ئىدى، بۇ ئىككەيلەن بىر-بىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بولۇپ، بەزى تورداشلار يەنە قاپ يۈرەكلىك بىلەن «فىڭ گۇڭنىڭ ئاچىسى ‹فىڭ گۇڭنىڭ يالغان چاچ كىيگەن› ھالىتىكەن شۇ» دېيىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك فىۇ گۇڭنىڭ ئاچىسىنىڭ فىڭ شىنيۈن ئىكەنلىكى تيەنجىن شەھەرلىك خېبىي رايونى سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس مۇئاۋىن رەئىسى. بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمىز، ئەمدى شۇنداق دىققەت قىلىدىغان بولساق بۇ ئىككەيلەننىڭ ئادەم ھەيران قالغۇدەك ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالىمىز.

يۈ دەن جاڭ جىننىڭ ھاممىسى ئىكەن
كىممۇ سەھنىدىكى گەپ-سۆزلىرى شۇنداق ئۆتكۈر يۈ دەننى تەيۋەننىڭ داڭلىق چولپىنى جاڭ جىننى تۇققان دەپ ئويلىغان؟ ئەمما يۈ دەن راستلا جاڭ جىننىڭ ھاممىسى ئىكەن. يۈ دەن جاڭ جىن بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ تۇرمايدىغانلىقىنى، ئەمما ھەر قېتىم جۇڭگوغا كەلگەندە يىغىلىشىپ، ھال-ئەھۋال سورىشىپ، مۇڭدىشىدىغانلىقىنى، ئەمما تاماشا ساھەسىدىكى ئىشلار توغرىسىدا ناھايىتى ئاز پاراڭلىشىدىغانلىقىنى، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئائىلىدىكى ئىشلار ھەققىدە پاراڭلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. بۇ ئىككىسىنىڭ چىراي-تۇرقىغا كەلسەك، بەزى تورداشلار بۇ ئىككەيلەننىڭ بۇرنى ئوخشىشىپ قالىدىكەن دېيىشتى.

خۇ خۇيجۇڭ بىلەن سۈن لىنىڭ مۇناسىۋىتى: چوڭ ئانا (دادا تەرەپ مومىسىنىڭ ھەدىسى ياكى سىڭلىسى)
تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۈن لى ئۆزىدىن 24 ياش كىچىك خۇ خۇيجۇڭنىڭ مومىسىنىڭ سىڭلىسى ئىكەن. زەڭ سېلىپ قارايدىغان بولساڭ، بۇ ئىككىسىنىڭ خېلى ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى بايقايمىز. سۈن لى بۇ داڭلىق چوڭ ئانىسى سەۋەبلىك تاماشا ساھەسىگە كىرگەنمۇ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.

خۇ سۇڭخۇا خۇ جۈننىڭ تاغىسى ئىكەن
جۇڭگونىڭ داڭلىق ناخشىچىسى خۇ سۇڭخۇا خۇ جۈننىڭ تاغىسى.

ۋۇ جىنليەن خۇاڭ شىڭيىنىڭ تاغىسى
ئىقتىسادشۇناس ۋۇ جىنليەن خۇاڭ شىڭيىنىڭ ئۆز تاغىسى.

ۋىي چىمىڭ جاۋ ۋىينىڭ ئاپىسىنىڭ نەۋرە ئاكىسى
جاۋ ۋىينىڭ ئاپىسى ۋىي چىيىڭ ۋىي چىمىڭنىڭ نەۋرە سىڭلىسى ئىكەن.

جاڭ فىي بىلەن فىي يۈچىڭ ئاكا-ئۇكا
جاڭ فىي فىي يۈچىڭنىڭ ئىنىسى ئىكەن. فىي يۈچىڭنىڭ ئەسلى ئىسمى جاڭ يەنتىڭ، جاڭ فىينىڭ ئەسلى ئىسمى جاڭ يەنمىڭ بولۇپ، تەيۋەن تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسال سەنئەت ساھەسىدە ۋۇ زۇڭشىيەن، خۇ گۇا ۋە جاڭ شاۋيەن بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ شاھ بىر خانىش» دەپ ئاتالغان.

تاۋ داۋىي بىلەن تاۋ جې دادا-بالا
كىنو، تېلېۋىزىيە ۋە ناخشا چولپىنى تاۋ داۋىي، نۇرغۇن كىچىك دوستلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ناھايىتى تونۇش بولغان «تاۋ تاغا». تاۋ داۋىي بىلەن داڭلىق ناخشىچى تاۋ جې دادا-بالا ئىكەن.

ۋاڭ تيەنلىن داڭلىق رېژىسسور ۋاڭ جىڭنىڭ دادىسى
كىنولاردا دائىم رول ئالىدىغان بودەك چولپان ۋاڭ تيەنلىن داڭلىق رېژىسسور ۋاڭ جىڭنىڭ دادىسى ئىكەن. پەقەت ۋاڭ جىڭ دادىسىنى ئۆزى رىژىسسورلۇق قىلغان فىلىملەر رول ئالغۇزغىنىنى كەمدىن-كەم كۆرىمىز.