ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

يېقىندا داڭلىق فىلىم ‹سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات6›نىڭ بىر يۈرۈش سۈرەتلىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، سۈرەتلەردىن داڭلىق ئارتىس ۋىن دايىسېل بىلەن پاۋۇل ۋالكېرنىڭ قالتىس رول ئېلىش ماھارىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئالدىنقى بۆلۈمدىكى داۋېن جونسون، مىچىل رودرايگۇئېز، لۇكى ئېۋانس قاتارلىق يېڭى چولپانلارمۇ بۇ قېتىم يەنە رول ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى ۋە فىلىم ۋەقەلىكىنىڭ جەلپكارلىقى سىزنى ئاجايىپ قايناق ھېسسىيات قوينىغا باشلايدۇ. بۇ فىلىم 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلۇشقا باشلايدۇ.

